Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 20

يۇھاننا 20:16-28

Help us?
Click on verse(s) to share them!
16مەريەم! ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئىبرانىي تىلىدا‫‪:‬‬ ــ راببونى! ــ دېدى (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە).
17ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ماڭا ئېسىلمىغىن! چۈنكى مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا‫‪:‬‬ مېنى «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ خۇدايىمنىڭ يېنىغا چىقىمەن!» دەيدۇ، ــ دەپ يەتكۈزگىن، دېدى.  
18شۇنىڭ بىلەن ماگداللىق مەريەم مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬ «رەبنى كۆردۈم!» دېدى ۋە شۇنداقلا ئەيسا ئۆزىگە ئېيتقان ئۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.
19شۇ كۈنى كەچتە، يەنى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە، يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن مۇخلىسلار يىغىلغان ئۆيدە ئىشىكلىرىنى ھىم تاقىۋالغانىدى؛ شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنۈپ، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ سىلەرگە ئامان‫‪‎-‎‬‬خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى.   
20بۇنى دەپ، قوللىرىنى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلار رەبنى كۆرگىنىدىن شادلاندى.
21شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە‫‪:‬‬ ــ سىلەرگە ئامان‫‪‎-‎‬‬خاتىرجەملىك بولغاي! ئاتا مېنى ئەۋەتكىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى ئەۋەتىمەن، ــ دېدى.
22بۇ سۆزنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پۈۋلەپ‫‪:‬‬ ــ مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىڭلار.
23كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كىمنىڭ گۇناھلىرىنى تۇتۇۋالساڭلار، شۇنىڭ گۇناھى تۇتۇۋېلىنىدۇ! ــ دېدى.  
24ئەمما ئون ئىككىيلەننىڭ بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى.
25شۇڭا باشقا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بىز رەبنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى. لېكىن توماس ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخلارنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تىقىپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، ــ دېدى.
26سەككىز كۈندىن كېيىن، مۇخلىسلار يەنە شۇ ئۆي ئىچىدە جەم بولغاندا، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق تۇرسىمۇ، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ سىلەرگە ئامان‫‪‎-‎‬‬خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى.
27ئاندىن ئۇ توماسقا‫‪:‬‬ ــ بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تىقىپ، گۇماندا بولماي، ئىشەنگۈچى بولغىن! ــ دېدى.
28توماس ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىمسەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.

Read يۇھاننا 20يۇھاننا 20
Compare يۇھاننا 20:16-28يۇھاننا 20:16-28