1ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەر، ماگداللىق مەريەم قەبرىگە باردى ۋە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى.
2شۇڭا ئۇ يۈگۈرگىنىچە كېلىپ سىمون پېترۇس ۋە ئەيسا سۆيگەن ھېلىقى مۇخلىسنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا: ــ ئۇلار رەبنى قەبرىدىن يۆتكىۋېتىپتۇ، ئۇنى قەيەرگە قويغىنىنى بىلمىدۇق! ــ دېدى.
3پېترۇس بىلەن ھېلىقى مۇخلىس تاشقىرىغا چىقىپ، قەبرىگە قاراپ يول ئالدى.