Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماركۇس - ماركۇس 8

ماركۇس 8:6-10

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6بۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاندىن يەتتە ناننى قولىغا ئالدى ۋە خۇداغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە ئېيتىپ ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تۇتۇشقا مۇخلىسلىرىغا بەردى. ئۇلار خالايىققا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى.
7مۇخلىسلاردا يەنە بىرقانچە كىچىك بېلىقمۇ بار ئىدى. ئۇ خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئۇلارنى بەرىكەتلەپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشنى ئېيتتى.
8خالايىق تويغۇچە يېدى؛ ئۇلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يەتتە سېۋەتكە تېرىۋالدى.
9يېگەنلەر تۆت مىڭچە كىشى ئىدى. ئۇ ئۇلارنى يولغا سالدى،
10ئاندىن مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە دەرھال كېمىگە چۈشۈپ، دالمانۇتا تەرەپلىرىگە باردى.

Read ماركۇس 8ماركۇس 8
Compare ماركۇس 8:6-10ماركۇس 8:6-10