Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 24

لۇقا 24:44-50

Help us?
Click on verse(s) to share them!
44ئاندىن ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ مانا بۇ مەن سىلەر بىلەن بولغان ۋاقتىمدا سىلەرگە ئېيتقان‫‪:‬‬ «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات قانۇنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا مېنىڭ توغرامدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىم ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.
45شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زېھىنلىرىنى ئاچتى
46ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ مۇقەددەس يازمىلاردا شۇنداق ئالدىن پۈتۈلگەنكى ۋە شۇ ئىش مەسىھنىڭ ئۆزىگە توغرا كەلدىكى، ئۇ ئازاب چېكىپ، ئۈچىنچى كۈنىدە ئۆلگەنلەر ئارىسىدىن تىرىلىدۇ،
47ئاندىن ئۇنىڭ نامى بىلەن «توۋا قىلىڭلار، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولۇڭلار» دېگەن خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ بارلىق ئەللەرگە جاكارلىنىدۇ.
48سىلەر ئەمدى بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇرسىلەر.
49ۋە مانا، مەن ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنىنى ۋۇجۇدۇڭلارغا ئەۋەتىمەن. لېكىن سىلەر يۇقىرىدىن چۈشىدىغان كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرەت بىلەن كىيگۈزۈلگۈچە، بۇ شەھەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار».  
50ۋە ئۇ ئۇلارنى بەيت‫‪‎-‎‬‬ئانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنى بەرىكەتلىدى.

Read لۇقا 24لۇقا 24
Compare لۇقا 24:44-50لۇقا 24:44-50