Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 23

لۇقا 23:25-41

Help us?
Click on verse(s) to share them!
25ۋە ئۇلارنىڭ تىلىگىنىنى، يەنى توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە قاتىللىق ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغاننى قويۇپ بېرىپ، ئەيسانى ئۇلارنىڭ خاھىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
26ۋە ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشى سەھرادىن كېلىۋاتاتتى؛ ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى.
27ئەيسانىڭ كەينىدە زور بىر توپ خەلق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئېچىنىپ يىغا‫‪‎-‎‬‬زار كۆتۈرۈشىۋاتقان ئاياللارمۇ ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى.
28لېكىن ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئەي يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى! مەن ئۈچۈن يىغلىماڭلار، بەلكى ئۆزۈڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئۈچۈن يىغلاڭلار!
29چۈنكى سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر‫‪:‬‬ «تۇغماسلار، بالا كۆتۈرمىگەن قورساقلار ۋە ئېمىتمىگەن ئەمچەكلەر بەختلىكتۇر!» ــ دېيىشىدۇ.
30شۇ چاغدا كىشىلەر تاغلارغا‫‪:‬‬ «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگە‫‪:‬‬ «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ نىدا قىلىشىدۇ.   
31چۈنكى ئادەملەر ياپيېشىل دەرەخكە شۇنداق ئىشلارنى قىلغان يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخكە نېمە ئىشلار بولار؟! ــ دېدى.  
32ئىككى جىنايەتچىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغىلى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېلىپ كېلىنگەنىدى.
33ۋە ئۇلار «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئۇنى ۋە يەنە ئىككى جىنايەتچىنى، بىرىنى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە يەنە بىرىنى سول يېنىدا كرېستكە تارتتى.   
34ئەيسا‫‪:‬‬ ــ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، ــ دېدى. لەشكەرلەر چەك تاشلاپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.
35خالايىق قاراپ تۇراتتى، يەھۇدىي ھۆكۈمدارلارمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا دىمىغىنى قېقىپ مەسخىرە قىلىپ‫‪:‬‬ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر ئۇ راستتىن خۇدانىڭ مەسىھى، ئۇنىڭ تاللىۋالغىنى بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقسۇن! ــ دېيىشتى.
36لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا سىركە تەڭلەپ‫‪:‬‬
37ــ ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باق! ــ دېيىشتى.
38ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاختايغا گرېكچە، لاتىنچە ۋە ئىبرانىيچە ھەرپلەر بىلەن‫‪:‬‬ «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى.  
39ئۇنىڭ بىلەن بىللە كرېستكە تارتىلغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ‫‪:‬‬ ــ سەن مەسىھ ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزە! ــ دېدى.
40بىراق يەنە بىرى ئۇنىڭ گېپىگە تەنبىھ بېرىپ‫‪:‬‬ سەن ئۆزۈڭ ئوخشاش ھۆكۈمنىڭ تېگىدە تۇرۇپ خۇدادىن قورقمامسەن؟
41بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق، چۈنكى ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتتۇق؛ لېكىن بۇ كىشى ھېچقانداق ناتوغرا ئىش قىلمىغانغۇ! ــ دەپ جاۋاب بەردى.

Read لۇقا 23لۇقا 23
Compare لۇقا 23:25-41لۇقا 23:25-41