Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 15

لۇقا 15:2-11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2لېكىن پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرىدۇ! ــ دېيىشتى.
3شۇڭا ئۇ ئۇلارغا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى‫‪:‬‬
4ــ ئەگەر ئاراڭلاردا بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى يىتىپ كەتسە، توقسان توققۇزىنى چۆلدە قويۇپ قويۇپ يىتىپ كەتكىنىنى تاپقۇچە ئىزدىمەسمۇ؟
5ئۇنى تېپىۋالغاندا، شادلانغان ھالدا مۈرىسىگە ئارتىدۇ؛
6ئاندىن ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، يار‫‪‎-‎‬‬بۇرادەرلىرى بىلەن قولۇم‫‪‎-‎‬‬قوشنىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬ «مەن يىتكەن قويۇمنى تېپىۋالدىم، مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار!» دەيدۇ.
7مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن ئەرشتە زور خۇرسەنلىك بولىدۇ؛ بۇ خۇرسەنلىك توۋىغا موھتاج بولمىغان توقسان توققۇز ھەققانىي كىشىدىن بولغان خۇرسەنلىكتىن كۆپ ئارتۇقتۇر.
8ــ ياكى بىر ئايالنىڭ ئون كۈمۈش دىنارى بولۇپ، بىر دىنارنى يوقىتىپ قويسا، چىراغنى يېقىپ، تاكى ئۇنى تاپقۇچە ئۆينى سۈپۈرۈپ، زەن قويۇپ ئىزدىمەسمۇ؟
9ئۇنى تاپقاندا يار‫‪‎-‎‬‬بۇرادەر، قولۇم‫‪‎-‎‬‬قوشنلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬ «مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار، چۈنكى مەن يوقىتىپ قويغان دىنارىمنى تېپىۋالدىم» ــ دەيدۇ.
10مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئارىسىدا خۇرسەنلىك بولىدۇ.
11ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن.

Read لۇقا 15لۇقا 15
Compare لۇقا 15:2-11لۇقا 15:2-11