Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 10

لاۋىيلار 10:5-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېقىن كېلىپ، ئۇلارنى كىيىكلىك كۆڭلەكلىرى بىلەن كۆتۈرۈپ مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقتى.
6مۇسا ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا‫‪:‬‬ ــ سىلەر باشلىرىڭلارنى ئوچۇق قويماڭلار، كىيىملىرىڭلارنى يىرتماڭلار؛ بولمىسا ئۆزۈڭلار ئۆلۈپ، پۈتكۈل جامائەتكە غەزەپ كەلتۈرىسىلەر؛ لېكىن قېرىنداشلىرىڭلار بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى پەرۋەردىگار ياققان ئوت تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتۇپ يىغلىسۇن.
7ئەمما سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلەش مېيى ئۈستۈڭلارغا سۈرۈلگەن بولغاچقا، جامائەت چېدىرىنىڭ تاشقىرىغا چىقماڭلار؛ بولمىسا ئۆلىسىلەر، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى.
8پەرۋەردىگار ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
9«سەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭ شاراب ۋە يا باشقا كۈچلۈك ھاراقلارنى ئىچىپ، جامائەت چېدىرىغا ھەرگىز كىرمەڭلار؛ بولمىسا، ئۆلۈپ كېتىسىلەر. بۇ سىلەر ئۈچۈن دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.
10شۇنداق قىلساڭلار، مۇقەددەس بىلەن ئادەتتىكىنى، پاك بىلەن ناپاكنى پەرق ئېتىپ ئاجرىتالايدىغان بولىسىلەر؛
11شۇنداقلا پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائىللارغا تاپشۇرغان ھەممە بەلگىلىمىلەرنى ئۇلارغا ئۆگىتەلەيسىلەر».
12مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالغان ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق‫‪‎-‎‬‬ھەدىيەلەردىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەنى ئېلىپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىدا ئېچىتقۇ ئارىلاشتۇرمىغان ھالدا يەڭلار؛ چۈنكى ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.
13بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان نەرسىلەردىن سېنىڭ نېسىۋەڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولغاچقا، ئۇنى مۇقەددەس جايدا يېيىشىڭلار كېرەك؛ چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلغاندۇر.

Read لاۋىيلار 10لاۋىيلار 10
Compare لاۋىيلار 10:5-13لاۋىيلار 10:5-13