6ئى سۆيگىنىم، ھۇزۇرلار ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە يېقىملىقتۇرسەن!
7سېنىڭ بويۇڭ پالما دەرىخىدەك، كۆكسۈڭ ئۈزۈم غۇنچىلىرىدەكتۇر.
8مەن: ــ «پالما دەرىخى ئۈستىگە چىقىمەن، شاخلىرىنى تۇتۇپ يامىشىمەن؛ كۆكسىلىرىڭ دەرۋەقە ئۈزۈم تال غۇنچىلىرىدەك، بۇرنۇڭنىڭ پۇرىقى ئالمىلاردەك، تاڭلايلىرىڭنىڭ تەمى ئەڭ ئېسىل شارابدەكتۇر...».
9«...مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭ گېلىدىن سىلىق ئۆتۈپ، لەۋلەر، چىشلاردىن تېيىلىپ چۈشسۇن...!
10مەن مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن، ئۇنىڭ تەقاززاسى ماڭا قارىتىلىدۇ».
11«ئى سۆيۈملۈكۈم، كېلەيلى، ئېتىزلارغا چىقايلى؛ يېزىلاردا تۈنەپ كېلەيلى،
12ئۈزۈمزارلىققا چىقىشقا بالدۇر ئورۇندىن تۇرايلى، ئۈزۈم تاللىرىنىڭ بىخلىغان-بىخلىمىغانلىقىنى، چېچەكلەرنىڭ ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقىنى، ئانارلارنىڭ بەرق ئۇرغان-ئۇرمىغانلىقىنى كۆرەيلى؛ ئاشۇ يەردە مۇھەببەتلىرىمنى ساڭا بېغىشلايمەن.
13مۇھەببەتگۈللەر ئاشۇ يەردە ئۆز پۇرىقىنى پۇرىتىدۇ؛ ئىشىكلىرىمىز ئۈستىدە ھەرخىل ئېسىل مېۋە-چىۋىلەر باردۇر، يېڭى ھەم كونىمۇ باردۇر؛ سەن ئۈچۈن ئۇلارنى توپلاپ تەييارلىدىم، ئى سۆيۈملۈكۈم!»