13ئۇنىڭغا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!»
14ــ ياق، رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى يېگەن ئەمەسمەن! ــ دېدى پېترۇس.
15ئاۋاز ئىككىنچى قېتىم كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ خۇدا ھالال دەپ پاكلىغاننى سەن ھارام دېمە! ــ دېيىلدى.
16بۇ ئىش ئۈچ قېتىم يۈز بېرىپ، ئاندىن داستىخاندەك بولغان شۇ نەرسە دەرھال ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.