3لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بولسا تىشبىلىق ئىلىياسقا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، سامارىيە پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلدا خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن يول سورىغىلى ماڭدىڭلارمۇ؟
4شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ھازىر مۇنداق دېدىكى: «سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېگىن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىياس يولغا چىقتى.
5خەۋەرچىلەر پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى؛ ئۇ ئۇلاردىن: نېمىشقا يېنىپ كەلدىڭلار، دەپ سورىدى.
6ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىر ئادەم بىزگە ئۇچراپ بىزگە: ــ سىلەرنى ئەۋەتكەن پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلدا خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن يول سورىغىلى ئادەملەرنى ئەۋەتتىڭمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن!» دەڭلار، ــ دېدى.