Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 15

يەشۇئا 15:2-21

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2جەنۇبىي چېگرىسى «شور دېڭىزى»نىڭ ئايىغىدىن، يەنى جەنۇبىي تەرەپكە چوقچىيىپ چىققان قولتۇقتىن باشلىنىپ،   
3«سېرىق ئېشەك داۋىنى»نىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئۆتۈپ، زىنغا تۇتاشتى؛ ئاندىن قادەش‫‪‎-‎‬‬بارنېئانىڭ جەنۇبىنى ياقىلاپ ھەزرونغا ئۆتۈپ، ئاددارغا بېرىپ، كاركائاھقا بۇرۇلۇپ،
4ئازمونغا ئۆتۈپ مىسىر ئېقىنى بىلەن چىقىپ، ئۇچى دېڭىزغا تاقىشاتتى. بۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى ئىدى.
5شەرقىي چېگرىسى بولسا شور دېڭىزىدىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىغىچە ئىدى؛ شىمالىي چېگرىسى بولسا دېڭىزنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىدىن باشلىنىپ،
6ئاندىن بەيت‫‪‎-‎‬‬ھوگلاھغا بېرىپ، بەيت‫‪‎-‎‬‬ئاراباھنىڭ شىمالىدىن ئۆتۈپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىنىڭ قېشىغىچە ئىدى؛
7ئاندىن چېگرا ئاقور جىلغىسىدىن دەبىرگە قاراپ ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن شىمال تەرىپىگە بۇرۇلۇپ، جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئادۇممىمغا چىقىدىغان داۋاننىڭ ئۇدۇلىدىكى گىلگالغا يېتىپ بېرىپ، ئاندىن ئەن‫‪‎-‎‬‬شەمەش سۇلىرىدىن ئۆتۈپ، ئەن‫‪‎-‎‬‬روگەل بۇلىقىغا تۇتىشاتتى؛
8ئۇ يەردىن «بەن‫‪‎-‎‬‬ھىننومنىڭ جىلغىسى»غا چىقىپ، يەبۇسىيلار ئېگىزلىكىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى داۋاندىن ئۆتۈپ، ئاندىن ھىننوم جىلغىسىنىڭ ئالدىغا، يەنى غەرب تەرەپكە، رەفايىيلارنىڭ جىلغىسىنىڭ شىمالىي بېشىدىكى تاغنىڭ چوققىسىغا چىقتى؛
9چېگرا بۇ تاغنىڭ چوققىسىدىن نەفتوئاھ سۈيىنىڭ بۇلىقىغا بېرىپ، ئاندىن ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلىرىنىڭ يېنى بىلەن چىقىپ، ئۇ يەردىن بائالاھ (يەنى كىرىئات‫‪‎-‎‬‬يېئارىم)غا يېتىپ بېرىپ،
10ئاندىن بائالاھتىن ئۆتۈپ، غەرب تەرىپىگە قايرىلىپ سېئىر تېغىغا بېرىپ، يېئارىم تېغى (يەنى كېسالون)نىڭ شىمالىي باغرىدىن ئۆتۈپ، بەيت‫‪‎-‎‬‬شەمەشكە چۈشۈپ، تىمناھتىن ئۆتتى؛
11ئاندىن شىمالغا قاراپ ئەكروننىڭ داۋىنى بىلەن چىقىپ شىكرونغا ئۆتۈپ، بائالاھ تېغىنىڭ يېنىغا تۇتىشىپ، يابنەئەلگە يېتىپ، ئاندىن ئۇچى دېڭىزغا تاقاشقانىدى.
12غەرب تەرىپىدىكى چېگرىسى بولسا دېڭىز بويلىرى ئىدى. يەھۇدالارنىڭ جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا توختىتىلغان تۆت تەرىپىدىكى چېگرا مانا شۇ ئىدى.
13يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبگە بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بەرگەن ئەمرى بويىچە، ئۇنىڭغا يەھۇدالارنىڭ ئارىسىدا بىر ئۈلۈش، يەنى ئاناكنىڭ ئاتىسى ئاربانىڭ شەھىرى بولغان ھېبرون ئاتا قىلىندى.
14كالەب شۇ يەردىن شېشاي، ئاھىمان ۋە تالماي دېگەن ئۈچ ئاناكىينى قوغلىۋەتتى؛ ئۇلار ئۈچى ئاناكنىڭ ئەۋلادى ئىدى.
15ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىرنىڭ نامى كىرىئات‫‪‎-‎‬‬سەفەر ئىدى).
16كالەب‫‪:‬‬ ــ كىمكى كىرىئات‫‪‎-‎‬‬سەفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بېرىمەن، دېگەنىدى.
17كالەبنىڭ ئۇكىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئۇنى ئىشغال قىلدى، كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بەردى.
18شۇنداق بولدىكى، قىز ياتلىق بولۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بارار چاغدا، ئېرىنى ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سوراشقا ئۈندىدى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى.
19ئۇ جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ مېنى ئالاھىدە بىر بەرىكەتلىگەيسەن؛ سەن ماڭا نەگەۋدىن قاغجىراق يەر بەرگەنىكەنسەن، ماڭا بىرنەچچە بۇلاقنىمۇ بەرگەيسەن، ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، كالەب ئۇنىڭغا ئۈستۈن بۇلاقلار بىلەن ئاستىن بۇلاقلارنى بەردى.
20تۆۋەندىكىلەر يەھۇدا قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ئۈلۈشلەردۇر‫‪:‬‬ ــ
21يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئېدوم چېگرىسى تەرەپتىكى شەھەرلەر‫‪:‬‬ ــ كابزەئەل، ئېدەر، ياگۇر،

Read يەشۇئا 15يەشۇئا 15
Compare يەشۇئا 15:2-21يەشۇئا 15:2-21