Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 15

يەشۇئا 15:18-33

Help us?
Click on verse(s) to share them!
18شۇنداق بولدىكى، قىز ياتلىق بولۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بارار چاغدا، ئېرىنى ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سوراشقا ئۈندىدى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى.
19ئۇ جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ مېنى ئالاھىدە بىر بەرىكەتلىگەيسەن؛ سەن ماڭا نەگەۋدىن قاغجىراق يەر بەرگەنىكەنسەن، ماڭا بىرنەچچە بۇلاقنىمۇ بەرگەيسەن، ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، كالەب ئۇنىڭغا ئۈستۈن بۇلاقلار بىلەن ئاستىن بۇلاقلارنى بەردى.
20تۆۋەندىكىلەر يەھۇدا قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ئۈلۈشلەردۇر‫‪:‬‬ ــ
21يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئېدوم چېگرىسى تەرەپتىكى شەھەرلەر‫‪:‬‬ ــ كابزەئەل، ئېدەر، ياگۇر،
22كىناھ، دىموناھ، ئاداداھ،
23كەدەش، ھازور، يىتنان،
24زىف، تەلەم، بېئالوت،
25ھازور‫‪‎-‎‬‬ھاداتتاھ، كېرىئوت‫‪‎-‎‬‬ھەزرون (يەنى ھازور)،
26ئامام، سېما، مولاداھ،
27ھازار‫‪‎-‎‬‬گادداھ، ھەشمون، بەيت‫‪‎-‎‬‬پەلەت،
28ھازار‫‪‎-‎‬‬شۇئال، بەئەر‫‪‎-‎‬‬شېبا، بىزىئوتىيا،
29بائالاھ، ئىجىم، ئېزەم،
30ئەلتولاد، كېسىل، خورماھ،
31زىكلاگ، مادمانناھ، سانسانناھ،
32لىبائوت، شىلھىم، ئائىن ۋە رىممون قاتارلىقلار جەمئىي يىگىرمە توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار ئىدى.
33شەفەلاھ ئويمانلىقىدىكى شەھەرلەر بولسا ئەشتائول، زورېئاھ، ئاشناھ،

Read يەشۇئا 15يەشۇئا 15
Compare يەشۇئا 15:18-33يەشۇئا 15:18-33