Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 13

يەشۇئا 13:5-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5گەبالىيلارنىڭ زېمىنى ۋە بارلىق لىۋان زېمىنى، يەنى كۈن چىقىش تەرەپتىكى ھەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بائال‫‪‎-‎‬‬گادتىن تارتىپ، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە بولغان زېمىنلار؛
6لىۋاندىن تارتىپ مىسرەپوت‫‪‎-‎‬‬مايىمغىچە سوزۇلغان تاغلىقتا بارلىق ئولتورۇۋاتقانلارنىڭ، يەنى زىدونىيلارنىڭ زېمىنى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىسرائىل ئالدىدىن قوغلىۋېتىمەن. شۇڭا سەن چوقۇم مېنىڭ ساڭا بۇيرۇغىنىم بويىچە بۇنى چەك تاشلاپ ئىسرائىللىقلارغا مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بېرىشىڭ كېرەك.
7سەن ئەمدى بۇ زېمىنلارنى توققۇز قەبىلە بىلەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بۆلگىن».
8رۇبەنلەر بىلەن گادلار بولسا، ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتى، يەنى شەرق تەرىپىدە مۇسانىڭ ئۇلارغا بەرگەن مىراسىغا ئىگە بولدى؛ بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەنىدى‫‪:‬‬ ــ
9ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى ئارنون جىلغىسىنىڭ بويىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ، جۈملىدىن جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەر ۋە دىبونغىچە سوزۇلغان مەدەبا تۈزلەڭلىكى،
10ھەشبوندا سەلتەنەت قىلغان، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە بولغان ھەممە شەھەرلىرى؛
11گىلېئاد بىلەن گەشۇرىيلار ۋە مائاكاتىيلارنىڭ چەت يۇرتلىرى، ھەرمون تېغىنىڭ ھەممىسى ۋە سالكاھغىچە سوزۇلغان بارلىق باشان زېمىنى؛
12گىگانتلار بولغان رەفايىيلارنىڭ قالدۇق نەسلىدىن بولغان ئاشتاروت بىلەن ئەدرەيدە سەلتەنەت قىلغان ئوگنىڭ باشاندىكى پۈتكۈل پادىشاھلىق زېمىنىدىن ئىبارەت ئىدى؛ مۇشۇ زېمىندىكىلەرنى مۇسا مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنلىرىغا ئىگە بولدى.
13لېكىن ئىسرائىللار گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلىۋەتمىدى؛ شۇڭا گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلار بۈگۈنگىچە ئىسرائىل ئارىسىدا تۇرماقتا.

Read يەشۇئا 13يەشۇئا 13
Compare يەشۇئا 13:5-13يەشۇئا 13:5-13