Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 13

يەشۇئا 13:10-26

Help us?
Click on verse(s) to share them!
10ھەشبوندا سەلتەنەت قىلغان، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە بولغان ھەممە شەھەرلىرى؛
11گىلېئاد بىلەن گەشۇرىيلار ۋە مائاكاتىيلارنىڭ چەت يۇرتلىرى، ھەرمون تېغىنىڭ ھەممىسى ۋە سالكاھغىچە سوزۇلغان بارلىق باشان زېمىنى؛
12گىگانتلار بولغان رەفايىيلارنىڭ قالدۇق نەسلىدىن بولغان ئاشتاروت بىلەن ئەدرەيدە سەلتەنەت قىلغان ئوگنىڭ باشاندىكى پۈتكۈل پادىشاھلىق زېمىنىدىن ئىبارەت ئىدى؛ مۇشۇ زېمىندىكىلەرنى مۇسا مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنلىرىغا ئىگە بولدى.
13لېكىن ئىسرائىللار گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلىۋەتمىدى؛ شۇڭا گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلار بۈگۈنگىچە ئىسرائىل ئارىسىدا تۇرماقتا.
14لېكىن مۇسا لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچ مىراس زېمىننى بەرمىگەن؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان قۇربانلىقلار ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر.
15مۇسا رۇبەنلەر قەبىلىسىگە، جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە يۇرتلارنى مىراس قىلىپ بەردى.
16ئۇلارنىڭ زېمىنى بولسا ئارنون جىلغىسىنىڭ يېنىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەر ۋە مەدەبانىڭ يېنىدىكى پۈتكۈل تۈزلەڭلىك،
17ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تۈزلەڭلىكتىكى ھەممە شەھەرلەر، دىبون، باموت‫‪‎-‎‬‬بائال، بەيت‫‪‎-‎‬‬بائال‫‪‎-‎‬‬مېئون،
18ياھاز، كەدەموت، مەفائات،
19كىرىئاتايىم، سىبماھ، ۋە «جىلغا تېغى»دىكى زەرەت‫‪‎-‎‬‬شاھار،
20بەيت‫‪‎-‎‬‬پېئور، پىسگاھ تېغىدىكى داۋانلار، بەيت‫‪‎-‎‬‬يەشىموت،
21تۈزلەڭلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر ۋە ھەشبوندا سەلتەنەت قىلغان، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى بولغان سىھوننىڭ پۈتكۈل سەلتەنىتىنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق، سىھونغا بېقىنغان سەردارلار ئەۋى، رەكەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق مىدىيان ئەمىرلىرى بولسا مۇسا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
22شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللار ئۆلتۈرگەنلەر ئىچىدە بېئورنىڭ ئوغلى پالچى بالائاممۇ بار ئىدى؛ ئۇنىمۇ ئۇلار قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەنىدى.
23رۇبەنلەرنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆزى ئىدى. رۇبەنلەرنىڭ جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بۆلۈنگەن مىراسى مانا بۇ شەھەرلەر بىلەن كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلىرى ئىدى.  
24مۇسا يەنە گاد قەبىلىسىگە، يەنى گادلارنىڭ جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا مىراس بۆلۇپ بەرگەنىدى.
25ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى بولسا يائازەر بىلەن گىلېئادنىڭ بارلىق شەھەرلىرى، ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنىڭ يېرىمى تاكى رابباھ ئالدىدىكى ئاروئەرگىچە،
26ھەشبوندىن تارتىپ رامات‫‪‎-‎‬‬مىزپەھ ۋە بەتونىمغىچە، ماھانايىمدىن تارتىپ دەبىرنىڭ چېگرىسىغىچە،

Read يەشۇئا 13يەشۇئا 13
Compare يەشۇئا 13:10-26يەشۇئا 13:10-26