19لېكىن سىلەر توختاپ قالماي دۈشمەنلىرىڭلارنى قوغلاپ كەينىدە قالغانلارنى قىرىڭلار؛ ئۇلارنى ئۆز شەھەرلىرىگە كىرگۈزمەڭلار، چۇنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەردى، ــ دېدى.
20ئاندىن شۇنداق بولدىكى، يەشۇئا بىلەن ئىسرائىللار بۇلارنى قىرىپ قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ يوقاتتى؛ لېكىن قېچىپ قۇتۇلغان بىر قالدۇق مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە كىرىۋالدى.
21ئاندىن بارلىق خەلق ماككەداھتىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا تىنچ-سالامەت يېنىپ كەلدى. ھېچكىم ئىسرائىللارغا قارشى ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.