Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 10

يەشۇئا 10:12-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
12ئاندىن يەشۇئا پەرۋەردىگارغا سۆز قىلدى، ــ يەنى پەرۋەردىگار ئامورىيلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا تاپشۇرغان كۈنىدە ئۇ ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «ئەي قۇياش، گىبېئون ئۈستىدە توختاپ تۇر! ئەي ئاي، ئايجالون جىلغىسى ئۈستىدە توختاپ تۇر!»
13شۇنى دېۋىدى، خەلق دۈشمەنلەردىن ئىنتىقام ئېلىپ بولغۇچىلىك قۇياش ماڭماي توختاپ تۇردى، ئايمۇ توختاپ تۇردى. بۇ ۋەقە ياشارنىڭ كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ قۇياش تەخمىنەن پۈتۈن بىر كۈن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ ئولتۇرۇشقا ئالدىرىمىدى.
14پەرۋەردىگار بىر ئىنساننىڭ نىداسىغا قۇلاق سالغان شۇنداق بىر كۈن ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ۋە كېيىنمۇ بولۇپ باقمىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل ئۈچۈن جەڭ قىلدى.
15ئاندىن يەشۇئا بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل گىلگالدىكى چېدىرگاھقا يېنىپ كەلدى.
16ئەمما ئۇ بەش پادىشاھ بولسا قېچىپ ماككەداھتىكى غارغا يوشۇرۇنىۋالدى.
17شۇنىڭ بىلەن بىرسى يەشۇئاغا مەلۇم قىلىپ‫‪:‬‬ ــ ئۇ بەش پادىشاھ تېپىلدى؛ ئۇلار ماككەداھتىكى غارغا يوشۇرۇنىۋاپتۇ، دېدى.
18يەشۇئا‫‪:‬‬ ــ ئۇنداق بولسا غارنىڭ ئاغزىغا چوڭ‫‪‎-‎‬‬چوڭ تاشلارنى يۇمىلىتىپ قويۇڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىدا ئادەملەرنى كۆزەتكە قويۇڭلار.
19لېكىن سىلەر توختاپ قالماي دۈشمەنلىرىڭلارنى قوغلاپ كەينىدە قالغانلارنى قىرىڭلار؛ ئۇلارنى ئۆز شەھەرلىرىگە كىرگۈزمەڭلار، چۇنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەردى، ــ دېدى.
20ئاندىن شۇنداق بولدىكى، يەشۇئا بىلەن ئىسرائىللار بۇلارنى قىرىپ قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ يوقاتتى؛ لېكىن قېچىپ قۇتۇلغان بىر قالدۇق مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە كىرىۋالدى.
21ئاندىن بارلىق خەلق ماككەداھتىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا تىنچ‫‪‎-‎‬‬سالامەت يېنىپ كەلدى. ھېچكىم ئىسرائىللارغا قارشى ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
22يەشۇئا‫‪:‬‬ ــ غارنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئۇ بەش پادىشاھنى غاردىن چىقىرىپ مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى.

Read يەشۇئا 10يەشۇئا 10
Compare يەشۇئا 10:12-22يەشۇئا 10:12-22