21شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا يەنە: مەن بۇ يەردىن كېتىمەن؛ سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن ئۆز گۇناھىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر. مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر، ــ دېدى.
22بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار: ــ ئۇ: «مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەيدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن دېگىنىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
23ئەيسا ئۇلارغا: ــ سىلەر تۆۋەندىندۇرسىلەر، مەن يۇقىرىدىندۇرمەن. سىلەر بۇ دۇنيادىندۇرسىلەر، مەن بۇ دۇنيادىن ئەمەسمەن.
24شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر، ــ دېدى.
25سەن زادى كىم؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا: ــ باشتا سىلەرگە نېمە دېگەن بولسام، مەن شۇ.