Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 5

يۇھاننا 5:3-14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ بىمارلار، يەنى قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. ئۇلار ئۇ يەردە يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى.
4چۈنكى بىر پەرىشتە مەلۇم ۋاقىتلاردا كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى ئۇرغۇتىدىكەن؛ سۇ ئۇرغۇغاندا كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن كىشى ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن.
5ئەمدى ئۇ يەردە ئوتتۇز سەككىز يىلدىن بېرى ئاغرىق ئازابى تارتقان بىر بىمار بار ئىدى.
6ئەيسا بۇ ئادەمنىڭ شۇ يەردە ياتقىنىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن شۇ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ ساقىيىشنى خالامسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
7بىمار ئۇنىڭغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ تەقسىر، سۇ چايقالغاندا مېنى سۇغا چۈشۈرىدىغان ئادىمىم يوق. مەن چۈشەي دېگۈچە، باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا چۈشۈۋالىدۇ، ــ دېدى.
8ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن! ــ دېدى.
9ھېلىقى ئادەم شۇئان ساقىيىپ، ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ كۆتۈرۈپ ماڭدى. شۇ كۈنى شابات كۈنى ئىدى.   
10شۇڭا بەزى يەھۇدىيلار ساقايغان كىشىگە‫‪:‬‬ ــ بۈگۈن شابات كۈنى تۇرسا، ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپەڭنى كۆتۈرۈش تەۋراتتا ساڭا مەنئى قىلىنغان! ــ دېدى.
11لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ مېنى ساقايتقان كىشى ئۆزى ماڭا‫‪:‬‬ «ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن» دېگەنىدى! ــ دېدى.
12ئۇلار ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ ئەمدى ساڭا‫‪:‬‬ «ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن» دېگەن كىشى كىم ئىكەن؟ ــ دەپ سوراشتى.
13بىراق ساقايغان ئادەم ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. چۈنكى ئۇ يەردە ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئاستىغىنا كېتىپ قالدى.
14بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى ئىبادەتخانىدا تېپىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مانا، ساقايدىڭ. ئەمدى قايتا گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ ئېغىر كۈلپەت چۈشۈپ قالمىسۇن! ــ دېدى.

Read يۇھاننا 5يۇھاننا 5
Compare يۇھاننا 5:3-14يۇھاننا 5:3-14