51يولدا كېتىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ قۇللىرى ئالدىغا چىقىپ، بالىلىرى ھايات، دەپ ئۇقتۇردى.
52ئەمەلدار ئۇلاردىن ئوغلىنىڭ قايسى سائەتتىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۇلار: ــ تۈنۈگۈن يەتتىنچى سائەتتە قىزىتمىسى ياندى، ــ دېيىشتى.
53بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلۇڭ ھايات قالدى!» دېگەن سائەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئېتىقاد قىلىشتى.
54بۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى كۆرسەتكەن ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامىتى ئىدى.