10ئەيسا: ــ ئەمدى تۇتقان بېلىقىڭلاردىن ئەكېلىڭلار، ــ دېدى.
11سىمون پېترۇس كېمىگە چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولغىنى بىلەن، تور يىرتىلمىغانىدى.
12ئەيسا: ــ كېلىڭلار، ناشتا قىلىڭلار، ــ دېدى. مۇخلىسلارنىڭ ئىچىدىن ھېچكىم ئۇنىڭدىن: ــ سەن كىم بولىسەن؟ ــ دەپ سوراشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى بىلدى.
13ئەيسا ناننى ئەكىلىپ ئۇلارغا بەردى ھەم بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى.
14مانا بۇ ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، ئۆزىنى مۇخلىسلىرىغا ئۈچىنچى قېتىم ئايان قىلىشى ئىدى.
15ئۇلار ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئەيسا سىمون پېترۇستىن: ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ شۇنداق رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى سەن بىلىسەن! ــ دېدى پېترۇس. ئەيسا ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلىتىپ باق! ــ دېدى.