13پىلاتۇس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئەيسانى تاشقىرىغا چىقاردى ۋە «تاش تاختايلىق ھويلا» دەپ ئاتالغان، ئىبرانىي تىلىدا «گابباتا» دەپ ئاتالغان يەردە «سوراق تەختى»گە ئولتۇردى
14(ئۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنىنىڭ ئالتىنچى سائىتى ئەتراپىدا ئىدى). پىلاتۇس يەھۇدىيلارغا: مانا بۇ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇر! ــ دېدى.
15لېكىن ئۇلار ۋارقىرىشىپ: ــ يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستلەڭ! ــ دېدى. پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستلىگىن، دەمسىلەر؟ ــ دېدى. باش كاھىنلار جاۋابەن: ــ قەيسەردىن باشقا ھېچقانداق پادىشاھىمىز يوقتۇر! ــ دەپ توۋلاشتى. بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنى كرېستلەشكە ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.