23لېكىن ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپتە ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى.
24بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ.