Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماركۇس - ماركۇس 9

ماركۇس 9:13-36

Help us?
Click on verse(s) to share them!
13لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئىلياس پەيغەمبەر دەرھەقىقەت كەلدى ۋە دەل مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە پۈتۈلگەندەك، كىشىلەر ئۇنىڭغا نېمىنى خالىسا شۇنداق قىلدى.  
14ئۇلار مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلىقىنى، بىرنەچچە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
15ئۇنى كۆرگەن پۈتۈن خالايىق ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى.
16ئۇ ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ ئۇلار بىلەن نېمە توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر، ــ دەپ سورىدى.
17خالايىقتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا گاچا قىلغۇچى بىر روھ چاپلىشىۋالغان.   
18ھەر قېتىم روھ ئۇنى چىرمىۋالسا، ئۇنى تارتىشتۇرۇپ يىقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئاغزى كۆپۈكلىشىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ؛ قاقشال بولۇپ قالىدۇ. مۇخلىسلىرىڭدىن جىننى ھەيدىۋەتكەيسىلەر دەپ تىلىدىم، بىراق ئۇلار قىلالمىدى، ــ دېدى.
19ئۇ جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئەي ئېتىقادسىز دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ ــ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار ــ دېدى.
20ئۇلار بالىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا روھ بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىققان پېتى يەردە يۇمىلاپ كەتتى.
21ئۇ بالىنىڭ ئاتىسىدىن‫‪:‬‬ ــ بۇ ئىش بېشىغا كەلگىنىگە قانچە ئۇزۇن بولدى؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق،
22جىن ئۇنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. ئەمدى بىر ئامال قىلالىساڭ، بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ شاپائەت قىلغايسەن! ــ دېدى.
23ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ «قىلالىساڭ!» دەيسەنغۇ! ئىشەنچتە بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىندۇر! ــ دېدى.
24بالىنىڭ ئاتىسى دەرھال‫‪:‬‬ ــ مەن ئىشىنىمەن؛ ئىشەنچسىزلىكىمگە مەدەت قىلغايسەن! ــ دېدى يىغلاپ نىدا قىلىپ.
25ئەمدى ئەيسا كۆپچىلىكنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېلىقى ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئەي ئادەمنى گاس ۋە گاچا قىلغۇچى روھ! بۇيرۇق قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! ــ دېدى.
26شۇ ھامان جىن بىر چىرقىرىدى‫‪‎-‎‬‬دە، بالىنى دەھشەتلىك تارتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. بالا ئۆلۈكتەك يېتىپ قالدى، خالايىقنىڭ كۆپىنچىسى «ئۇ ئۆلدى!» دېيىشتى.
27لېكىن ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ يۆلىدى، بالا ئورنىدىن تۇردى.
28ئەيسا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قالغاندا ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىۋېتەلمىدۇق؟ ــ دەپ سوراشتى.
29ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ بۇ خىل جىن دۇئا ۋە روزىدىن باشقا يول بىلەن چىقىرىلماس، ــ دېدى.
30ئۇلار شۇ يەردىن ئايرىلىپ، گالىلىيەدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىراق ئۇ بۇنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمايتتى.
31چۈنكى ئۇ مۇخلىسلىرىغا‫‪:‬‬ ــ ئىنسانئوغلى ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ تىرىلىدۇ، ــ دېگەن تەلىمنى بېرىۋاتاتتى.
32لېكىن مۇخلىسلار بۇ سۆزنى چۈشەنمىدى ھەمدە ئۇنىڭدىن سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.
33ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلدى. ئۆيگە كىرگەندە ئۇ ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ يولدا نېمە توغرىسىدا مۇلاھىزىلەشتىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى.
34لېكىن ئۇلار شۈك تۇردى، چۈنكى ئۇلار يولدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ دەپ بىر‫‪‎-‎‬‬بىرى بىلەن مۇلاھىزىلەشكەنىدى.
35ئۇ ئولتۇرۇپ، ئون ئىككەيلەننى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ كىم بىرىنچى بولۇشنى ئىستىگەن بولسا، شۇ ھەممەيلەننىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمەتكارى بولسۇن، ــ دېدى.
36ئاندىن ئۇ كىچىك بىر بالىنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬

Read ماركۇس 9ماركۇس 9
Compare ماركۇس 9:13-36ماركۇس 9:13-36