41پېترۇس ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن بۇ تەمسىلنى بىزگىلا قارىتىپ ئېيتتىڭمۇ ياكى ھەممەيلەنگە قارىتىپمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
42رەب مۇنداق دېدى: ــ خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا تېگىشلىك بولغان ئاشلىقنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلەيدىغان ئىشەنچلىك ۋە پەملىك غوجىدار كىم بولىدۇ؟
43خوجايىن ئۆيىگە قايتقاندا، چاكىرىنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە كەلسە، بۇ چاكارنىڭ بەختىدۇر!