Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 15

لاۋىيلار 15:27-33

Help us?
Click on verse(s) to share them!
27ھەركىم بۇ نەرسىلەرگە تەگسە ناپاك بولىدۇ؛ شۇ كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
28ئايال كىشى قاچان خۇن كېلىشتىن ساقايسا، ئۇ يەتتە كۈننى ھېسابلاپ، ئۆتكۈزۈپ بولغاندا پاك سانىلىدۇ.
29سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن.
30كاھىن بۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆتكۈزسۇن؛ بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ناپاك ئاقما قېنىدىن پاك بولۇشىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ.
31سىلەر مۇشۇ يول بىلەن ئىسرائىللارنى ناپاكلىقىدىن ئۈزۈڭلار؛ بولمىسا، ئۇلار ناپاكلىقىدا تۇرىۋېرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان مېنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىمنى بۇلغىشى تۈپەيلىدىن ناپاك ھالىتىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.
32ئاقما كېلىش ھالىتىدە بولغان كىشى ۋە مەنىي كېتىش بىلەن ناپاك بولغان كىشى توغرىسىدا،
33شۇنىڭدەك خۇن كېلىش كۈنلىرىدىكى ئاغرىق ئايال كىشى توغرۇلۇق، ئاقما ھالەتتە بولغان ئەر ۋە ئايال توغرۇلۇق، ناپاك ھالەتتىكى ئايال بىللە ياتقان ئەر توغرۇلۇق كەلگەن قانۇن‫‪‎-‎‬‬بەلگىلىمە مانا شۇلاردۇر.

Read لاۋىيلار 15لاۋىيلار 15
Compare لاۋىيلار 15:27-33لاۋىيلار 15:27-33