Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15:27-39

Help us?
Click on verse(s) to share them!
27شۇڭا بىز يەھۇدا بىلەن سىلاسنى يازغانلىرىمىزنى سىلەرگە ئۆز ئاغزى بىلەنمۇ سۆزلەپ بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتتۇق.
28گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، مۇقەددەس روھقا، شۇنداقلا بىزلەرگىمۇ شۇ لايىق كۆرۈنگەنكى، تۆۋەندىكى زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن سىرت، سىلەرگە ھېچقانداق باشقا ئىشنى يۈكلىمەسلىكىمىز كېرەك‫‪:‬‬
29ــ بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن نېرى بولۇش ــ سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن ساقلانساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. ئامان‫‪‎-‎‬‬خاتىرجەم بولۇڭلار!»
30شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قېرىنداشلار تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ، ئانتاكياغا باردى. ئۇ يەردە پۈتۈن جامائەتتىكىلەرنى يىغىپ، خەتنى ئۇلارغا تاپشۇردى.
31ئۇلار خەتنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن بولغان رىغبەت‫‪‎-‎‬‬تەسەللىدىن زور شادلاندى.
32يەھۇدا ۋە سىلاسلار ئۆزلىرىمۇ پەيغەمبەرلەردىن بولۇپ، ئۇلار قېرىنداشلارنى نۇرغۇن سۆز‫‪‎-‎‬‬نەسىھەتلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى قۇۋۋەتلەندۈردى.
33يەھۇدا ۋە سىلاسلار ئۇ يەردە بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئانتاكيادىكى قېرىنداشلارنىڭ سەپىرىگە ئامانلىق تىلىگەن ھالدا ئۇزىتىشى بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەۋەتكەن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ قېشىغا قايتتى.
35لېكىن پاۋلۇس ۋە بارناباس ئانتاكيادا قېلىپ، باشقا نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تەلىم بېرىپ رەبنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىدىكى خۇش خەۋىرىنى جاكارلاپ تۇردى.
36لېكىن يەنە بىرنەچچە كۈنلەردىن كېيىن پاۋلۇس بارناباسقا‫‪:‬‬ بىز بۇرۇن رەبنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزىلارغا بېرىپ، قېرىنداشلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھالىنى سوراپ كېلەيلى، ــ دېدى.
37بارناباس بولسا يۇھاننا (ماركۇسمۇ دېيىلىدۇ)نى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولغانىدى.
38بىراق پاۋلۇس ئالدىنقى قېتىم پامفىلىيە ئۆلكىسىدە ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەن، رەبنىڭ خىزمىتىدە ئۇلار بىلەن بىللە داۋاملىق سەپەر قىلمىغان ماركۇسنى يەنە ئېلىپ بېرىشنى ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ قارىدى.
39شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا بەك كەسكىن ئىختىلاپ بولۇپ، ئاخىر بېرىپ ئۇلار بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى. بارناباس ماركۇسنى ئېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ سىپرۇس ئارىلىغا كەتتى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15:27-39روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15:27-39