Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 24

يەشۇئا 24:19-27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
19يەشۇئا خەلققە‫‪:‬‬ ــ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولالمايسىلەر، چۈنكى ئۇ مۇقەددەس بىر خۇدادۇر؛ ئۇ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى بىر تەڭرى بولغاچقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلار بىلەن گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرەلمەيدۇ.
20ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، يات ئىلاھلارغا چوقۇنغان بولساڭلار ئۇمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ، سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ كەلگەننىڭ ئورنىدا سىلەرگە بالا كەلتۈرۈپ يوقىتىدۇ، ــ دېدى.
21لېكىن خەلق يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ! بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز، ــ دېدى.
22بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا خەلققە‫‪:‬‬ ــ ئۆزۈڭلارنىڭ پەرۋەردىگارنى، ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇشنى تاللىغانلىقىڭلارغا ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزۈڭلارغا گۇۋاھچى بولدۇڭلار، دېۋىدى، ئۇلار‫‪:‬‬ ــ ئۆزىمىز گۇۋاھ! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
23ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئۇنداق بولسا ئەمدى ئاراڭلاردىكى يات ئىلاھلارنى چىقىرىپ تاشلىۋېتىپ، كۆڭلۈڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىنتىلىدىغان قىلىڭلار، دېدى.
24خەلق يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغىلا قۇلاق سالىدىغان بولىمىز، دېدى.
25شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۇ كۈنى خەلق بىلەن ئەھدە باغلىشىپ، شەكەمدە ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم‫‪‎-‎‬‬بەلگىلىمىلەرنى توختىتىپ بەردى.
26ئاندىن يەشۇئا بۇ ھەممە سۆزلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن كىتابىغا پۈتۈپ، يوغان بىر تاشنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىنىڭ يېنىدىكى دۇب دەرىخىنىڭ ئاستىغا تىكلەپ قويدى.
27ئاندىن يەشۇئا خەلققە‫‪:‬‬ ــ مانا بۇ تاش بولسا بىزگە گۇۋاھ بولۇپ تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن تانماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۈستۈڭلاردا گۇۋاھچى بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دېدى.

Read يەشۇئا 24يەشۇئا 24
Compare يەشۇئا 24:19-27يەشۇئا 24:19-27