Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 21

يەشۇئا 21:5-11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5ئاندىن كوھاتنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، ئەفرائىم قەبىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەتلىرىنىڭ زېمىنىدىن، دان قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون شەھەر بېكىتىلدى.
6گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، ئىسساكار قەبىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەتلىرىنىڭ زېمىنىدىن، ئاشىر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن، نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە ماناسسەھنىڭ يەنە بىر يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئۈچ شەھەر بېكىتىلدى.
7مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە چەك تاشلىنىپ، رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئىككى شەھەر بېكىتىلدى.
8بۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىدەك ئىسرائىللار چەك تاشلاپ بۇ شەھەرلەر بىلەن يايلاقلىرىنى قوشۇپ، لاۋىيلارغا بەردى.
9ئۇلار يەھۇدانىڭ قەبىلىسى بىلەن شىمېئوننىڭ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۆۋەندە تىزىملانغان مۇنۇ شەھەرلەرنى بەردى‫‪:‬‬ ــ
10(چەك تاشلانغاندا، لاۋىيلارنىڭ نەسلى بولغان كوھاتلار جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بىرىنچى چەك چىققاچقا مۇنۇ شەھەرلەر بېرىلدى)‫‪:‬‬ ــ
11ئۇلارغا يەھۇدانىڭ تاغلىق رايونىدىكى كىرىئات‫‪‎-‎‬‬ئاربا (ئاربا ئاناكنىڭ ئاتىسى ئىدى)، يەنى ھېبرون بىلەن ئەتراپىدىكى يايلاقلارنى قوشۇپ بەردى.

Read يەشۇئا 21يەشۇئا 21
Compare يەشۇئا 21:5-11يەشۇئا 21:5-11