38بۇنىڭدىن باشقا گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر گىلېئادتىكى راموت بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە ماھانايىم بىلەن يايلاقلىرى،
39ھەشبون بىلەن يايلاقلىرى ۋە جائازەر بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى.
40بۇلار بولسا قالغان لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرىگە، يەنى مەرارىلار جەمەتلىرىگە بېرىلگەن بارلىق شەھەرلەردۇر؛ ئۇلارغا چەك تاشلىنىش بىلەن بېرىلگەن ئۈلۈشى ئون ئىككى شەھەر ئىدى.
41ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدىن لاۋىيلارغا بېكىتىپ بېرىلگەن شەھەرلەر جەمئىي قىرىق سەككىز ئىدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى.