Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 21

يەشۇئا 21:3-6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3شۇنى دېۋىدى، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز مىراس ئۈلۈشلىرىدىن مۇنۇ شەھەرلەر بىلەن يايلاقلارنى قوشۇپ لاۋىيلارغا بەردى‫‪:‬‬ ــ
4بىرىنچى تاشلانغان چەك كوھات جەمەتلىرىگە چىقتى؛ چەك تاشلىنىپ، لاۋىيلار ئىچىدىكى كاھىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يەھۇدا قەبىلىسى، شىمېئون قەبىلىسى ۋە بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون ئۈچ شەھەر بېكىتىلدى؛
5ئاندىن كوھاتنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، ئەفرائىم قەبىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەتلىرىنىڭ زېمىنىدىن، دان قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون شەھەر بېكىتىلدى.
6گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، ئىسساكار قەبىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەتلىرىنىڭ زېمىنىدىن، ئاشىر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن، نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە ماناسسەھنىڭ يەنە بىر يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئۈچ شەھەر بېكىتىلدى.

Read يەشۇئا 21يەشۇئا 21
Compare يەشۇئا 21:3-6يەشۇئا 21:3-6