7سەن ئەمدى بۇ زېمىنلارنى توققۇز قەبىلە بىلەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بۆلگىن».
8رۇبەنلەر بىلەن گادلار بولسا، ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتى، يەنى شەرق تەرىپىدە مۇسانىڭ ئۇلارغا بەرگەن مىراسىغا ئىگە بولدى؛ بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەنىدى: ــ
9ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى ئارنون جىلغىسىنىڭ بويىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ، جۈملىدىن جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەر ۋە دىبونغىچە سوزۇلغان مەدەبا تۈزلەڭلىكى،