Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 10

يەشۇئا 10:3-10

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى‫‪‎-‎‬‬زەدەك ھېبروننىڭ پادىشاھى ھوھام، يارمۇتنىڭ پادىشاھى پىرئام، لاقىشنىڭ پادىشاھى يافىيا ۋە ئەگلوننىڭ پادىشاھى دەبىرگە خەۋەر ئەۋەتىپ‫‪:‬‬ ــ
4مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ گىبېئونلارغا ھۇجۇم قىلىشىمىز ئۈچۈن ماڭا مەدەت بېرىڭلار؛ چۈنكى ئۇلار بولسا يەشۇئا ۋە ئىسرائىللار بىلەن سۈلھ تۈزۈۋالدى، ــ دېدى.
5شۇنداق قىلىپ ئامورىيلارنىڭ بەش پادىشاھى، يەنى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، ھېبروننىڭ پادىشاھى، يارمۇتنىڭ پادىشاھى، لاقىشنىڭ پادىشاھى ۋە ئەگلوننىڭ پادىشاھى ــ ئۇلار ئۆزلىرى بارلىق قوشۇنلىرى بىلەن بىللە چىقىپ، گىبېئوننىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ تىكىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى.
6بۇنىڭ بىلەن گىبېئونلىقلار گىلگالدىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ‫‪:‬‬ ــ سەن ئۆز قۇللىرىڭنى تاشلىۋەتمەي، دەرھال قېشىمىزغا كېلىپ مەدەت بېرىپ، بىزنى قۇتقۇزغىن؛ چۈنكى تاغلىق رايوندا ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، ــ دېدى.
7بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا بارلىق جەڭچىلەرنى، جۈملىدىن ھەممە باتۇر پالۋانلارنى ئېلىپ گىلگالدىن يولغا چىقتى.
8پەرۋەردىگار يەشۇئاغا‫‪:‬‬ ــ ئۇلاردىن قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئالدىڭدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، ــ دېدى.
9يەشۇئا گىلگالدىن چىقىپ پۈتۈن كېچە مېڭىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز چۈشتى.
10پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا تىرىپىرەن قىلدى، يەشۇئا ئۇلارنى گىبېئوندا قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ قىرىپ، بەيت‫‪‎-‎‬‬ھورونغا چىقىدىغان داۋان يولىدا قوغلاپ، ئازىكاھ بىلەن ماككەداھقىچە سۈرۈپ‫‪‎-‎‬‬توقاي قىلدى.

Read يەشۇئا 10يەشۇئا 10
Compare يەشۇئا 10:3-10يەشۇئا 10:3-10