Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماركۇس - ماركۇس 5

ماركۇس 5:8-14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
8(چۈنكى ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «ھەي ناپاك روھ، ئۇنىڭدىن چىق!» دېگەنىدى).
9ئۇ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ ئىسمىڭ نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئىسمىم «قوشۇن» ــ چۈنكى سانىمىز كۆپ، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
10ۋە ئۇ ئەيسادىن ئۇلارنى بۇ يۇرتتىن ھەيدىۋەتمىگەيسەن، دەپ كۆپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.
11تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى.
12جىنلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بىزنى مۇشۇ توڭگۇزلارغا ئەۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشكە يول قويغايسەن، ــ دەپ يالۋۇرۇشتى.
13ئەيسا دەرھال يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ناپاك روھلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشى بىلەنلا، توڭگۇزلار تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، دېڭىزغا غەرق بولدى. ئۇلار ئىككى مىڭغا يېقىن ئىدى.
14توڭگۇز باققۇچىلار بولسا ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزىلاردا بۇ ئىشلارنى پۇر قىلدى. شۇ يەردىكىلەر نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگىلى چىقىشتى.

Read ماركۇس 5ماركۇس 5
Compare ماركۇس 5:8-14ماركۇس 5:8-14