Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 15

لاۋىيلار 15:25-29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
25ئەگەر ئايال كىشىنىڭ ئادەت ۋاقتىنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە كۈنگىچە خۇنى كېلىپ تۇرسا، ياكى خۇن ئاقمىسى ئادەت ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ ناپاك قان ئېقىپ تۇرغان كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە، ئۇ ئادەت كۈنلىرىدە تۇرغاندەك سانالسۇن، يەنە ناپاك سانالسۇن.
26قان كەلگەن ھەربىر كۈندە ئۇ قايسى ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپە ئۈستىدە ياتسا، بۇلار ئۇ ئادەت كۈنلىرىدە ياتقان ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپىلەردەك ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇ قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسا، شۇ نەرسە ئادەت كۈنلىرىنىڭ ناپاكلىقىدەك ناپاك سانالسۇن.
27ھەركىم بۇ نەرسىلەرگە تەگسە ناپاك بولىدۇ؛ شۇ كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
28ئايال كىشى قاچان خۇن كېلىشتىن ساقايسا، ئۇ يەتتە كۈننى ھېسابلاپ، ئۆتكۈزۈپ بولغاندا پاك سانىلىدۇ.
29سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن.

Read لاۋىيلار 15لاۋىيلار 15
Compare لاۋىيلار 15:25-29لاۋىيلار 15:25-29