Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - رىملىقلارغا - رىملىقلارغا 7

رىملىقلارغا 7:18-23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
18ئىچىمدە، يەنى مېنىڭ ئەتلىرىمدە ھېچ ياخشىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىمەن؛ چۈنكى ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئۇنى قىلالمايمەن.
19شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم خالىغان ياخشىلىقنى قىلماي، ئەكسىچە خالىمىغان يامانلىقنى قىلىمەن.
20ئۆزۈم نىيەت قىلمىغان ئىشنى قىلسام، بۇنى قىلىدىغان مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ماكان قىلغان گۇناھتۇر.
21بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇنداق بىر قانۇنىيەتنى بايقايمەنكى، ياخشىلىقنى قىلماقچى بولغىنىمدا، يامانلىق ھامان ئىچىمدە ماڭا ھەمراھ بولىدۇ.
22قەلبىمدە خۇدانىڭ قانۇنىدىن سۆيۈنىمەن؛
23بىراق تېنىمدىكى ئەزالىرىمدا باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىكى قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، مېنى تېنىمدىكى ئەزالىرىمدىكى گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئەسىر قىلىدۇ.

Read رىملىقلارغا 7رىملىقلارغا 7
Compare رىملىقلارغا 7:18-23رىملىقلارغا 7:18-23