5ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىي ئەرلەرمۇ تۇرۇۋاتقانىدى.
6ئەمدى ئېتىقادچىلارنىڭ بۇ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، توپ-توپ ئادەملەر شۇ يەرگە جەم بولۇشتى ھەمدە ئېتىقادچىلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى تىللاردا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، تېڭىرقاپ قېلىشتى.
7ئۇلار ھەيران بولۇپ تەئەججۈپلىنىپ: ــ قاراڭلار، سۆزلىشىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى گالىلىيەلىكلەرغۇ؟
8قانداقلارچە ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىزدىكى تىللىرىمىزدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتقاندىمىز؟
9ئارىمىزدا پارتىيالار، مېدىئالار، ئېلاملار، شۇنداقلا مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا،