Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 25

لاۋىيلار 25:47-55

Help us?
Click on verse(s) to share them!
47ئەگەر ئاراڭلاردا ئولتۇرۇشلۇق بىر مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق بېيىغان ۋە ئۇنىڭغا قوشنا قېرىندىشىڭ كەمبەغەللىشىپ، ئۆزىنى شۇ قوشنا مۇساپىرغا ۋە ياكى شۇ مۇساپىرنىڭ مەلۇم بىر ئەۋلادىغا ساتسا،
48ئۇ سېتىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا پۇل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىش ھوقۇقى قالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئۇكىلىرىنىڭ ھەرقايسىسى ئۇنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ.
49شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تاغىسى ياكى تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋە ياكى جەمەتىدىن بولغان ھەرقايسى يېقىن تۇغقىنى ئۇنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ؛ ياكى ئۆزىنىڭ قۇربى يەتسە، پۇل بېرىپ ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزىنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ.
50ئۇنى سېتىۋالىدىغان كىشى ئۇنىڭ خوجىسى بىلەن گەپلىشىپ سېتىلغان يىلدىن تارتىپ ئازادلىق يىلىغىچە قانچىلىك بولغانلىقىنى ھېسابلاپ، سېتىۋېلىش باھاسىنى يىللارنىڭ سانىغا قاراپ ھېسابلىسۇن؛ ھۆرلۈك پۇلى ھېسابلاشتا قۇلنىڭ خوجىسىغا ئىشلەشكە كېرەك بولغان قالغان كۈنلىرىنىڭ ھەققى «مەدىكارنىڭ ئىشلىگەن كۈنلىرى»دەك ھېسابلانسۇن.
51ئازادلىق يىلىغا يەنە خېلى يىللار بولسا، شۇنى ھېسابلاپ، سېتىلغان پۇلنىڭ نىسبىتى بويىچە ھۆرلۈك پۇلىنى ھېسابلاپ بەرسۇن؛
52ئەگەر ئازادلىق يىلىغا ئاز يىللار قالغان بولسا، ئۇنى ھېساب قىلىپ، قالغان قۇللۇق يىللىرىغا مۇۋاپىق پۇلنى ياندۇرۇپ بەرسۇن.
53بولمىسا، قۇل شۇ خوجىسىنىڭ يېنىدا يىللىق مەدىكاردەك تۇرۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ خوجىسى سېنىڭ كۆز ئالدىڭدا ئۇنىڭغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلمىسۇن.
54ئەگەر قۇل يۇقىرىقى يوللار بىلەن ھۆرلۈككە چىقالمىسا، ئازادلىق يىلى كەلگەندە قويۇپ بېرىلسۇن ــ ئۇ بالىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئازاد بولىدۇ.
55چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ ئۆزى ماڭا قۇل‫‪‎-‎‬‬بەندىلەردۇر؛ ئۇلار مەن ئۆزۈم مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن قۇل‫‪‎-‎‬‬بەندىلىرىمدۇر. خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن.

Read لاۋىيلار 25لاۋىيلار 25
Compare لاۋىيلار 25:47-55لاۋىيلار 25:47-55