Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - كورىنتۇسلۇقلارغا «2»

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1چۈنكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بۇ ياردەم خىزمىتى توغرۇلۇق سىلەرگە يەنە يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.
2چۈنكى مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشقا قاتتىق بەل باغلىغىنىڭلارنى بىلىمەن؛ مەن بۇ توغرۇلۇق‫‪:‬‬ ئاخايادىكىلەر ئۆتكەن يىلدىن بېرى خەير‫‪‎-‎‬‬سەدىقە بېرىشكە تەييار تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ماكېدونىيەدىكى قېرىنداشلارغا پەخىرلىنىپ ماختاپ كەلمەكتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قىزغىنلىقىڭلار ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خەير‫‪‎-‎‬‬سەدىقە بېرىشىگە تۈرتكە بولدى.
3لېكىن قېرىنداشلارنى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتىم سىلەرنىڭ توغراڭلاردا پەخىرلىنىپ ماختىشىمنىڭ بۇ ئىشلاردا بىھۇدە ئىش بولۇپ قالماسلىقى، سىلەرنىڭ دېگىنىمدەك تەييار بولۇپ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر.
4مۇبادا ماكېدونىيەدىكىلەر مەن بىلەن بىللە بارغىنىدا، سىلەر تەييارلىقسىز بولساڭلار، بۇ ئىشەنچىمىز ۋەجىدىن بىز خىجالەتكە قالدۇرۇلىمىز، سىلەر سۆزسىز شۇنداق بولىسىلەر.
5شۇ سەۋەبتىن مەن قېرىنداشلاردىن يېنىڭلارغا بېرىپ سىلەردىن بۇ ۋەدە قىلغان خەيرلىك ئىشنى ئالدىنئالا تەييارلاپ پۈتتۈرۈشىنى ئۆتۈنۈشنى زۆرۈر دەپ ھېسابلىدىم؛ شۇنداقلا بۇ سىلەردىن بىرەر نەرسە ئۈندۈرىۋېلىش بولمىسۇن، بەلكى مېھرىبانلىقىڭلاردىن بولسۇن.
6ئەمما بۇنى ئەسلەڭلار‫‪:‬‬ بېخىللىق بىلەن ئاز تېرىغان ئاز ئالىدۇ، ئوچۇق قوللۇق بىلەن تېرىغىنى مول ئالىدۇ.  
7ھەر ئادەم ھېچ قىينىلىپ قالماي ياكى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىدە پۈككىنىچە بەرسۇن؛ چۈنكى خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ.
8ئەمما خۇدا ھەربىر ئىلتىپات‫‪‎-‎‬‬شاپائەتنى سىلەرگە ئېشىپ تاشتۇرۇشقا قادىردۇر؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەردائىم ھەرتەرەپتە ھەر ئېھتىياجقا تەييار قۇۋۋەتلىنىسىلەر، كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ قوللىرىڭلار ھەرخىل گۈزەل ئىشقا يېتىدۇ.
9مۇقەددەس يازمىلاردا پۈتۈلگىنىدەك‫‪:‬‬ ــ «ئۇ ئۆزىنىڭكىنى تارقاتقان، ئۇ يوقسۇللارغا سەدىقە بەرگەن؛ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ».  
10ئەمدى تېرىغۇچىغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى نان ئاتا قىلغۇچى سىلەرنىڭ تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلارنى تەمىنلەپ مول قىلىدۇ، ھەققانىيلىقىڭلارنىڭ ھوسۇل‫‪‎-‎‬‬مېۋىلىرىنى كۆپەيتىدۇ.
11شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەرقانداق ئەھۋالدا قولى ئوچۇق بولۇشقا ھەر تەرەپتە بېيىتىلىسىلەر، شۇنىڭدەك بۇ ئىش بىز ئارقىلىق خۇداغا كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ؛
12چۈنكى بۇ خەيرلىك خىزمەتنى ئادا قىلىش پەقەت مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى قاندۇرۇپلا قالماي، كۆپ كىشىلەرنىڭ خۇداغا يەتكۈزگەن تەشەككۈرلىرىنى ئېشىپ تاشتۇرىدۇ.
13بۇ ياردەم خىزمىتى ئۆزلىرىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېتىراپ قىلىشىڭلاردىكى مېۋە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلارغا دەلىل‫‪‎-‎‬‬ئىسپات بولىدۇ، شۇنداقلا سىلەرنىڭ مۇشۇ ھاجەتمەن بەندىلەرگە، شۇنداقلا بارلىق ئادەملەرگە كۆرسەتكەن ئوچۇق قوللۇق سېخىيلىقىڭلاردىن ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.
14ۋە خۇدانىڭ سىلەردە تاشقىنلاتقان ئاجايىب مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتى تۈپەيلىدىن، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن دۇئا‫‪‎-‎‬‬تىلاۋەت قىلغىنىدا، ئۇلار سىلەرگە تەلپۈنۈپ قاتتىق سېغىنىپ ئەسلەيدۇ.
15ئۇنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئاجايىب سوۋغىسى ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر بولغاي!