Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - كورىنتۇسلۇقلارغا «2»

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 2

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1لېكىن مەن ئىچىمدە، قېشىڭلارغا بارسام يەنە ئازار ئېلىپ بارمايمەن دېگەن قارارغا كەلدىم.
2چۈنكى ئەگەر مەن سىلەرگە ئازار بەرسەم، مېنىڭ تۈپەيلىمدىن ئازار يېگەنلەردىن باشقا قايسىبىرى مېنى شادلاندۇرالىسۇن؟
3مەن ئەسلى مېنى شادلاندۇرۇشى تېگىشلىك بولغانلاردىن ئەكسىچە ئازار يەپ قالماي دېگەن مەقسەتتە شۇ خەتنى يازدىم؛ چۈنكى مېنىڭ شادلىقىم سىلەر ھەممىڭلارنىڭمۇ شادلىقىدۇر دەپ سىلەر ھەممىڭلارغا ئىشەنچ باغلىدىم.  
4چۈنكى ئەسلىدە ئۆزۈم ئېغىر ئازاب ئىچىدە قەلبىمدىكى دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەمدىن كۆپ كۆز ياشلىرىمنى تۆككۈزۈپ تۇرۇپ سىلەرگە شۇ خەتنى يازغانىدىم؛ مەقسىتىم سىلەرگە ئازار بېرىش ئەمەس، بەلكى سىلەرگە چوڭقۇر باغلانغان، ئېشىپ تاشقان مۇھەببىتىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن ئىدى.
5ئەمما بىرەرسى ئازار يەتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ ئازار يەتكۈزگىنى مەن ئەمەس دەيمەن، ئۇ بەلكى مەلۇم دەرىجىدە (بۇ ئىشنى زىيادە ئېغىر قىلغۇم يوق) ھەممىڭلارغا ئازار يەتكۈزدى.
6بۇنداق ئادەمنىڭ كۆپىنچىڭلار تەرىپىدىن تەنبىھلەنگىنى يېتەرلىكتۇر؛  
7شۇڭا ھازىر ئەكسىچە، سىلەر ئۇنىڭغا مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت كۆرسىتىپ رىغبەت‫‪‎-‎‬‬تەسەللى بېرىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ؛ بولمىسا بۇنداق بىر كىشى بەلكىم غايەت زور دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەمدىن ئۆزىنى يوقىتىشىمۇ مۇمكىن.
8شۇڭا مەن سىلەرگە ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلارنى جېكىلەيمەن.
9شۇ خېتىمنى يەنە بىر مەقسەتتە، يەنى سىلەرنىڭ ھەممە ئىشلاردا ئىتائەتمەن ياكى ئىتائەتمەن ئەمەسلىكىڭلارنى سىناپ بىلىشىم ئۈچۈن يازدىم.
10لېكىن سىلەر قايسىبىرىنى مەلۇم ئىش ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلغان بولساڭلار، مەنمۇ ھەم ئۇنى شۇنداق قىلغان بولىمەن؛ مەنمۇ مەلۇم بىر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا (بىرەر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغان بولسام)، مەن سىلەرنى دەپ مەسىھنىڭ ھۇزۇرىدا شۇنداق قىلدىم.
11شۇنىڭ بىلەن شەيتان بىزدىن ھېچ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھىيلە‫‪‎-‎‬‬مىكىرلىرىدىن بىخەۋەر ئەمەسمىز.
12ئەمدى مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا تروئاس شەھىرىگە كەلگىنىمدە ۋە شۇنداقلا رەب تەرىپىدىن پۇرسەت ئىشىكى ماڭا ئېچىلغىنى بىلەن،   
13قېرىندىشىم تىتۇسنى تاپالمىغىنىم تۈپەيلىدىن روھىم ئارام تاپمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيەگە سەپەر ئالدىم.
14ئەمما بىزنى مەسىھدە ھەمىشە تەنتەنە بىلەن غالىبانە باشلايدىغان، بىز ئارقىلىق ھەر يەردە ئۆزىگە دوست تارتقۇچى خۇشپۇراقنى چاچقۇچى خۇداغا تەشەككۈر!   
15چۈنكى بىز خۇداغا يەتكۈزۈلىۋاتقان مەسىھنىڭ خۇشپۇرىقىدۇرمىز، ھەم قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلار ئارىسىدا ھەم ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلار ئارىسىدا شۇنداقمىز؛
16كېيىنكىلەرگە ئۆلۈمگە بولغان ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى، ئالدىنقىلارغا ھاياتلىققا بولغان ھاياتلىقنىڭ پۇرىقىدۇرمىز؛ ئەمدى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟   
17چۈنكى بىز كۆپ كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك خۇدانىڭ كالام‫‪‎-‎‬‬سۆزىنى سودا‫‪‎-‎‬‬سېتىق ئىشى قىلمايمىز؛ ئەكسىچە بىز سەمىمىيلىك بىلەن خۇدا ئالدىدا خۇدادىن ئەۋەتىلگەنلەر سۈپىتىدە مەسىھدە سۆزلەيمىز.