Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - كورىنتۇسلۇقلارغا «2»

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1بىز يەنە ئۆزىمىزنى تەۋسىيە قىلغىلى تۇرۇۋاتامدۇق؟ ياكى باشقا بەزىلەرگە كېرەك بولغاندەك، سىلەرگە يېزىلغان ياكى سىلەر يازغان تەۋسىيىنامىلەر بىزگە كېرەكمۇ؟
2سىلەر ئۆزۈڭلار بىزنىڭ تەۋسىيىنامىمىزدۇرسىلەر، قەلبىمىزدە پۈتۈلگەن، ھەر ئىنسانغا تونۇش بولغان ۋە ئوقۇلىدىغان.
3سىلەرنىڭ بىز تەرىپىمىزدىن پەرۋىش قىلىنغان، مەسىھنىڭ مەكتۇپى ئىكەنلىكىڭلار ئايان بولدى (بۇ مەكتۇپ سىياھ بىلەن ئەمەس، بەلكى تىرىك خۇدانىڭ روھى بىلەن يېزىلغان، تاش تاختايلارغا ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ ئەتلىك تاختايلىرىغا پۈتۈكلۈكتۇر).  
4ئەمدى بىزنىڭ مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قارايدىغان شۇنچە زور ئىشەنچىمىز بار؛
5ئۆزىمىزنى بىرەرنەرسىنى قىلغۇدەك ئىقتىدارىمىز بار دەپ چاغلىغىنىمىز يوقتۇر؛ ئىقتىدارلىقىمىز بولسا بەلكى خۇدادىندۇر.
6ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشقا ئىقتىدارلىق قىلدى؛ بۇ ئەھدە پۈتۈكلۈك سۆز‫‪‎-‎‬‬جۈملىلەرگە ئەمەس، بەلكى روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى پۈتۈكلۈك سۆز‫‪‎-‎‬‬جۈملىلەر ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ؛ لېكىن روھ بولسا ئادەمگە ھايات كەلتۈرىدۇ.  
7ئەمما سۆز‫‪‎-‎‬‬جۈملىلەر بىلەن تاشلارغا ئويۇلغان، ئۆلۈم كەلتۈرىدىغان خىزمەت شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ بىلەن بولغان ۋە شۇنداقلا ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈزىدە جۇلالانغان شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپتىن ئۇنىڭ يۈزىگە كۆزلىرىنى تىكىپ قارىيالمىغان يەردە (گەرچە شۇ شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ)،  
8روھ بىلەن يۈرگۈزۈلىدىغان خىزمەت تېخىمۇ شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپلىك بولمامدۇ؟
9چۈنكى ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتىدىغان خىزمەت شەرەپلىك بولغان يەردە، ئىنساننى ھەققانىي قىلىدىغان خىزمەتنىڭ شەرىپى تېخىمۇ ئېشىپ تاشمامدۇ!؟
10چۈنكى ئەسلىدە شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپلىك بولغان ئىشنىڭ ھازىرقى غايەت زور شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپلىك ئىشنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپلىكلىكى يوقتۇر؛
11چۈنكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىش ئەسلىدە شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ بىلەن كەلتۈرۈلگەن يەردە، ھازىر ئورنىنى باسقان ئىش تېخىمۇ شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپلىك بولىدۇ.
12بىزدە شۇنچە زور شۇنداق بىر ئۈمىد بولغانىكەن، بىز تولىمۇ يۈرەكلىك بولىمىز.
13بىز ئىسرائىللارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان ئەھدىنىڭ پارلاق نۇرىغا كۆزىنى تىكىپ قاراشنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۇچراپ كەتمىسۇن دەپ يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالغان مۇساغا ئوخشىمايمىز.   
14ئەمما ئۇلارنىڭ ئوي‫‪‎-‎‬‬كۆڭۈللىرى قاداقلاشقانىدى؛ چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر كونا ئەھدىنى ئوقۇغىنىدا مۇشۇ چۈمپەردە ئېلىۋېتىلمەي كەلدى؛ چۈنكى پەقەت مەسىھدە بولغاندىلا ئۇ ئېلىپ تاشلىۋېتىلىدۇ.   
15ئەمما بۈگۈنگە قەدەر، مۇسانىڭ يازمىلىرى ئوقۇلغىنىدا شۇ چۈمپەردە يەنىلا قەلبىنى يېپىۋالماقتا.
16ئەمما ھەركىم رەبگە قاراپ بۇرۇلسا، چۈمپەردە ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
17ئەمما رەب شۇ روھتۇر؛ ۋە رەبنىڭ روھى قەيەردە بولسا، شۇ يەردە ھۆرلۈك بولىدۇ.   
18ۋە بىز ھەممىمىزنىڭ يۈزىمىز چۈمپەردىسىز ھالدا رەبنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىگە قارىغىنىدا، ئۇنىڭ ئوخشاش سۈرىتىدە بولۇشقا روھ بولغان رەب تەرىپىدىن شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ ئۈستىگە شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ قوشۇلۇپ ئۆزگەرتىلمەكتىمىز.