Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - كورىنتۇسلۇقلارغا «2»

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بېكىتىلگەن، مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىنداش بولغان تىموتىيدىن كورىنت شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان، خۇدانىڭ جامائىتىگە ۋە شۇنىڭدەك پۈتكۈل ئاخايا ئۆلكىسىدىكى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام!
2ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!
3رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى، رەھىمدىللىقلارنىڭ ئىگىسى ئاتا، بارلىق رىغبەت‫‪‎-‎‬‬تەسەللىنىڭ ئىگىسى بولغان خۇداغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە ئوقۇلغاي!
4بىز ئۇچرىغان ھەرقانداق جاپا‫‪‎-‎‬‬مۇشەققەتتە ئۇ بىزگە رىغبەت‫‪‎-‎‬‬تەسەللى بېرىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز خۇدا تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ ئۇ بىزگە يەتكۈزگەن رىغبەت‫‪‎-‎‬‬تەسەللى بىلەن ھەرقانداق باشقا جاپا‫‪‎-‎‬‬مۇشەققەتكە ئۇچرىغانلارغا رىغبەت‫‪‎-‎‬‬تەسەللى بېرەلەيدىغان بولدۇق.
5چۈنكى، مەسىھنىڭ ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلىرى بىز تەرەپكە ئېشىپ تاشقاندەك، مەسىھ ئارقىلىق بولغان رىغبەت‫‪‎-‎‬‬تەسەللىمىزمۇ ئېشىپ تاشىدۇ.   
7ئەمما بىز جاپا‫‪‎-‎‬‬مۇشەققەتتە قالساقمۇ بۇ سىلەرنىڭ رىغبەت‫‪‎-‎‬‬تەسەللى ۋە نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ بۇلار سىلەرنىڭ بىز تارتقان ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلەرگە ئوخشاش ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلەرگە چىدىشىڭلار بىلەن سىلەردىمۇ ھاسىل قىلىنىدۇ؛ بىز رىغبەت‫‪‎-‎‬‬تەسەللى تاپساقمۇ ئۇ سىلەرنىڭ رىغبەت‫‪‎-‎‬‬تەسەللىرىڭلار ۋە نىجاتىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ شۇڭا بىزنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئۈمىدىمىز مۇستەھكەمدۇر؛ چۈنكى سىلەر ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلەردىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولساڭلار، ئوخشاشلا رىغبەت‫‪‎-‎‬‬تەسەللىدىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولىسىلەر دەپ بىلىمىز.  
8چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئاسىيادا بىز دۇچ كەلگەن جاپا‫‪‎-‎‬‬مۇشەققەتتىن خەۋەرسىز يۈرۈشۈڭلارنى خالىمايمىز؛ ئۇ ۋاقىتلاردا بىز چىدىغۇسىز ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلدۇق، ھەتتا ھاياتنىڭ ئۆزىدىن ئۈمىد ئۈزگۈدەك بولغانىدۇق؛
9ئەمما ئۆزىمىزگە ئەمەس، بەلكى ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرگۈچى خۇداغا تايىنىشىمىز ئۈچۈن قەلبىمىزدە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغاندەك يۈرەتتۇق.   
10ئۇ بىزنى بۇنداق دەھشەتلىك بىر ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغان ۋە ھازىر قۇتقۇزماقتا، ۋە بىزنى يەنىلا قۇتقۇزىدۇ، دەپ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىدۇق؛
11سىلەرمۇ بۇنىڭدا ھەم بىز ئۈچۈن دۇئا‫‪‎-‎‬‬تىلاۋەتلەر بىلەن مەدەت بېرىۋاتىسىلەر؛ شۇنداق قىلىپ تالاي ئادەملەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىزگە كۆرسىتىلگەن ئىلتىپات تۈپەيلىدىن تالاي ئادەملەر خۇداغا رەھمەتلەر ئېيتىدىغان بولىدۇ.
12چۈنكى پەخرىمىز، يەنى ۋىجدانىمىزنىڭ گۇۋاھلىقى شۇكى، خۇدانىڭ ئالدىدا ساپ نىيەتلەر ۋە سەمىمىيلىك بىلەن (ئىنسانىي پاراسەت بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتى بىلەن) بىز بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ۋە بولۇپمۇ سىلەرگە نىسبەتەن ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالىدىغان بولدۇق.
14چۈنكى سىلەرگە يازغىنىمىز ئوقۇيالايدىغان ۋە تونۇپ يېتەلەيدىغاندىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس؛ لېكىن مەن سىلەرنىڭ بىزنى قىسمەن تونۇپ يەتكىنىڭلار بويىچە رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز بولىدىغىنىڭلاردەك بىزلەرنىمۇ سىلەرنىڭ پەخرىڭلار بولىدۇ دەپ بىزنى تولۇق تونۇپ يېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
15شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ئىشەنچتە بولۇپ مەن ئەسلىدە ئىككىنچى قېتىم سىلەرگە مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەتنى يەتكۈزۈشكە ئاۋۋال سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارماقچىدىم؛   
16يەنى، قېشىڭلاردىن ماكېدونىيەگە ئۆتۈپ، ئاندىن ماكېدونىيەدىن يەنە قېشىڭلارغا كېلىشنى، شۇنداقلا سىلەر تەرىپىڭلاردىن يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە ئۇزىتىلىشىمنى ئۈمىد قىلغانىدىم.
17مەندە شۇنداق نىيەت بولغاندا، مەن ئۇنى يېنىكلىك بىلەن قارار قىلغانمۇ؟ مەن نىيەت قىلغاندا، مەندە «ئەتلىك» كىشىلەردىكىدەك‫‪:‬‬ بىردەم «بەرھەق، بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق، ياق» دېيىش بارمۇ؟
18ئەمما خۇدا ئۆز سۆزىدە تۇرغىنىدەك، بىزنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزىمىز بىردەم «بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق» بولمايدۇ؛
19چۈنكى بىز (مەن ۋە سىلۋانۇس ۋە تىموتىي)نىڭ ئاراڭلاردا جاكارلىغىنىمىز ــ خۇدانىڭ ئوغلى، ئەيسا مەسىھ، بىردەم «بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق» ئەمەستۇر؛ بەلكى ئۇنىڭدا «بەرھەق»لا باردۇر.
20چۈنكى خۇدانىڭ قانچىلىك ۋەدىلىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئۇنىڭدا «بەرھەق»تۇر، ۋە بىز ئارقىلىق ئۇنىڭدىمۇ خۇداغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ كەلتۈرىدىغان «ئامىن» باردۇر.

21ئەمدى بىزلەرنى سىلەر بىلەن بىللە مەسىھدە چىڭ تۇرغۇزغۇچى بولغىنى ھەم بىزنى مەسىھلىگىنى بولسا خۇدادۇر.
22ئۇ يەنە ئۈستىمىزگە مۆھۈر بېسىپ، قەلبىمىزگە ئۆز روھىنى «كاپالەت» بولۇشقا ئاتا قىلدى.  
23ئەمما خۇدانى ئۆز جېنىمغا گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىمەنكى، كورىنتقا تېخى بارمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى كۆڭلۇڭلارنى ئاياش ئۈچۈن ئىدى.
24ھەرگىز ئۆزىمىزنى ئىمان‫‪‎-‎‬‬ئېتىقادىڭلار ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرگۈچىلەرمىز، دېمەك، بەلكى سىلەرنىڭ شاد‫‪‎-‎‬‬خۇراملىقىڭلارنى ئاشۇرۇشقا سىلەرگە ھەمكارلاشقۇچىلارمىز؛ چۈنكى سىلەر ئېتىقاد ئارقىلىقلا مەزمۇت تۇرىسىلەر.