Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - كورىنتۇسلۇقلارغا «2»

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەمدى خۇدانىڭ ھەمكارلىرى سۈپىتىدە سىلەردىن ئۇنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى بىكارغا كەتكۈزمەڭلار دەپ ئۆتۈنىمىز
2(چۈنكى ئۇ‫‪:‬‬ «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيتتە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى بېكىتكەنمەن، نىجات‫‪‎-‎‬‬قۇتۇلۇش يەتكۈزۈلىدىغان بىر كۈنىدە مەن ساڭا ياردەمدە بولۇشۇمنى بېكىتكەنمەن» ــ دېدى. مانا، ھازىر بولسا «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان ياخشى پەيت»؛ مانا، ھازىر «نىجات‫‪‎-‎‬‬قۇتۇلۇش كۈنى»دۇر!).  
3رەبنىڭ خىزمىتىگە داغ كەلتۈرۈلمىسۇن دەپ ھېچقانداق ئىشتا ھېچكىمنىڭ ئىمانىغا توسالغۇلۇق قىلمايمىز؛
4بەلكى ھەربىر ئىشتا ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى سۈپىتىدە نەمۇنە قىلىپ يۈرىمىز؛ زور چىداملىق بىلەن، جەبىر‫‪‎-‎‬‬زۇلۇملاردا، جاپا‫‪‎-‎‬‬مۇشەققەتلەردە، بېسىم‫‪‎-‎‬‬قىستاقلاردا،
5قامچا يارىلىرىدا، زىندانلاردا، قوزغىلاڭ‫‪‎-‎‬‬توپىلاڭلار ئىچىدە، ئېغىر مېھنەتلەردە، تۈنەشلەردە، روزا تۇتۇشلاردا،
6پاكلىق بىلەن، بىلىملەر بىلەن، سەۋر‫‪‎-‎‬‬تاقەتلىك بىلەن، مېھرىبانلىقلار بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، ساختىلىقسىز مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت بىلەن،
7ھەقىقەتنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى بىلەن، خۇدانىڭ كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرىتى بىلەن، ھەققانىيلىقنىڭ ئوڭ‫‪‎-‎‬‬سول قوللاردىكى قوراللىرى بىلەن،
8ھەم ئىززەت‫‪‎-‎‬‬شۆھرەتتە ھەم ھاقارەت ئىچىدە، تۆھمەت ھەم تەرىپلىنىشلەر ئىچىدە ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەكارلىرى سۈپىتىدە نامايان قىلدۇق؛ يالغانچىلار دەپ قارالغان بولساقمۇ سەمىمىي‫‪‎-‎‬‬سادىق بولۇپ،
9نامسىز بولدۇق‫‪‎-‎‬‬يۇ، ئەمما مەشھورمىز؛ ئۆلەي دەپ قالدۇق‫‪‎-‎‬‬يۇ، ئەمما مانا، ھاياتتۇرمىز؛ تەربىيىدە جازالاندۇق‫‪‎-‎‬‬يۇ، ئەمما ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنمىدۇق؛  
10دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەم تارتتۇق‫‪‎-‎‬‬يۇ، ئەمما دائىم شاد‫‪‎-‎‬‬خۇراملىقتا تۇرىمىز؛ نامرات بولغىنىمىز بىلەن، ئەمما كۆپ ئادەملەرنى باي قىلغۇچىمىز؛ ھېچنىمىمىز يوق بولغىنى بىلەن، ئەمما ھەممىگە ئىگىدارمىز.
11سىلەرگە ئوچۇق‫‪‎-‎‬‬يورۇق سۆزلىدۇق، ئەي كورىنتلىقلار، بىزنىڭ باغرىمىز سىلەرگە كەڭ ئېچىلدى!
12سىلەر بىز تەرەپتىن قىسىلغان ئەمەس، لېكىن ئۆز ئىچ‫‪‎-‎‬‬باغرىڭلارنىڭ تارلىقىدىن قىسىلىسىلەر؛
13ئەمدى ئادىل ئالماشتۇرۇشتا بولۇپ ــ (ئۆز پەرزەنتلىرىمگە سۆزلىگەندەك سۆزلەيمەن) ــ باغرىڭلارنى بىزگىمۇ كەڭ ئېچىڭلار.
14ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا چېتىلىپ تەڭسىزلىكتە بولماڭلار؛ چۈنكى ھەققانىيلىق ۋە قەبىھلىك ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن؟ يورۇقلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇق بىلەن قانداق ھەمراھلىقى بولسۇن؟   
15مەسىھنىڭ بېلىئال بىلەن نېمە ئىناقلىقى بولسۇن؟ ئىشەنگۈچىنىڭ ئىشەنمىگۈچى بىلەن قانداق ئورتاق نېسىۋىسى بولسۇن؟
16خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ بۇتلار بىلەن قانداق بىرلىكى بولسۇن؟ چۈنكى سىلەر تىرىك خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر ــ خۇدانىڭ‫‪:‬‬ «مەن ئۇلاردا تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن ۋە ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ» دېگىنىدەك سىلەر ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر»؛   
17شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار، ماڭا ئايرىلىڭلار»، ــ دەيدۇ رەب، ــ «ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگكۈچى بولماڭلار»، «شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن»،   
18ۋە‫‪:‬‬ «مەن سىلەرگە ئاتا بولىمەن، سىلەر ماڭا ئوغۇل‫‪‎-‎‬‬قىزلىرىم بولىسىلەر» ــ دەيدۇ ھەممىگە قادىر بولغان رەب.