Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:22-30

Help us?
Click on verse(s) to share them!
22شۇڭا، بۇ رەزىللىكىڭدىن توۋا قىلىپ، رەبتىن، مۇمكىن بولسا كۆڭلۈمدىكى بۇ نىيىتىم كەچۈرۈم قىلىنغاي، دەپ ئۆتۈن!
23چۈنكى سېنىڭ ئاچچىق ھەسەتكە تولۇپ، ھەققانىيسىزلىقنىڭ ئاسارىتىدا ئىكەنلىكىڭ ماڭا مەلۇم.
24سىمون ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ مەن ئۈچۈن رەبدىن ئۆتۈنۈڭلاركى، سىلەر ئېيتقان ئىشلاردىن ھېچبىرى بېشىمغا كەلمىگەي! ــ دېدى.
25پېترۇس بىلەن يۇھاننا يەنە شۇ يەردە ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىق بېرىپ رەبنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، سامارىيەنىڭ نۇرغۇن يېزا‫‪‎-‎‬‬كەنتلىرىگە بېرىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزگەچ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.
26شۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى فىلىپقا‫‪:‬‬ ــ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ جەنۇبقا قاراپ يېرۇسالېمدىن گازا شەھىرىگە ماڭىدىغان يول بىلەن ماڭ! ــ دېدى (شۇ يول چۆلدىكى يولدۇر).
28شۇڭا فىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ يولغا چىقتى. ۋە مانا، يولدا ئېفىئوپىيە ئايال پادىشاھى كانداسنىڭ بىر ئەمەلدارى، پۈتكۈل خەزىنىگە مەسئۇل ئېفىئوپىيەلىك ئاغۋات ۋەزىر تۇراتتى. ئۇ يېرۇسالېمغا خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى بارغانىدى؛ ھازىر قايتىش يولىدا ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى ئوقۇۋاتاتتى.
29روھ فىلىپقا‫‪:‬‬ ــ بۇ ھارۋىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن، ــ دېدى.
30فىلىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ۋەزىرنىڭ يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدىن ئوقۇۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ ئوقۇۋاتقىنىڭىزنى چۈشىنىۋاتامسىز؟ ــ دەپ سورىدى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:22-30روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:22-30