Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:6-14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6ئەمدى ئېتىقادچىلارنىڭ بۇ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، توپ‫‪‎-‎‬‬توپ ئادەملەر شۇ يەرگە جەم بولۇشتى ھەمدە ئېتىقادچىلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى تىللاردا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، تېڭىرقاپ قېلىشتى.
7ئۇلار ھەيران بولۇپ تەئەججۈپلىنىپ‫‪:‬‬ ــ قاراڭلار، سۆزلىشىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى گالىلىيەلىكلەرغۇ؟
8قانداقلارچە ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىزدىكى تىللىرىمىزدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتقاندىمىز؟
9ئارىمىزدا پارتىيالار، مېدىئالار، ئېلاملار، شۇنداقلا مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا،
11فرىگىيە ھەم پامفىلىيە، مىسىر، لىۋىيەنىڭ كۇرىنىگە يېقىن جايلىرىدىن كەلگەنلەر، شۇنىڭدەك مۇشۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان رىم شەھىرىدىن كەلگەنلەر ــ يەھۇدىيلار بولسۇن، تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەنلەر بولسۇن، كرېتلار ۋە ئەرەبلەر بولسۇن، ھەممىمىز ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئەمەللىرىنى بىزنىڭ ئانا تىللىرىمىزدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز! ــ دېيىشتى.
12ئۇلار ھاڭ‫‪‎-‎‬‬تاڭ قېلىپ ئالاقزادىلىك بىلەن بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە‫‪:‬‬ ــ بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ ــ دېيىشتى.
13ئەمما بەزىلەر‫‪:‬‬ ــ بۇلار يېڭى شاراب بىلەن ئوبدانلا مەست بولۇپ قاپتۇ! ــ دەپ مەسخىرە قىلىشتى.
14ئەمما پېترۇس قالغان ئون بىرەيلەن بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئەي يەھۇدىيەدىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار! بۇ ئىش سىلەرگە مەلۇم بولغايكى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار!

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:6-14روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:6-14