19ئۇلار ئەفەسۇس شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ پرىسكىللا ۋە ئاكۋىلانى قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆزى شۇ يەردىكى سىناگوگقا كىرىپ، يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى.
20ئۇلار ئۇنى ئۇزۇنراق تۇرۇشقا تەلەپ قىلىۋىدى، ئۇ قوشۇلماي،
21«مەن قانداقلا بولمىسۇن كېلەر ھېيتنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزىمەن؛ ئاندىن خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن»، ــ دەپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ئەفەسۇستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى.
22ئۇ قەيسەرىيە شەھىرىدە كېمىدىن چۈشۈپ، يېرۇسالېمغا چىقىپ جامائەت بىلەن ھال سوراشقاندىن كېيىن، ئانتاكيا شەھىرىگە چۈشۈپ كەتتى.