22ئۇلار ئۇ يەرلەردە مۇخلىسلارنىڭ قەلبلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇنداقلا: ــ بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشتە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ، ــ دەپ نەسىھەت قىلدى.
23ئۇلار يەنە ھەرقايسى جامائەت ئىچىدە ئاقساقاللارنى تاللاپ بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد باغلىغان رەبگە تاپشۇردى.
24ئىككىيلەن پىسىدىيە رايونىدىن ئۆتۈپ پامفىلىيە ئۆلكىسىگە كەلدى.
25ئۇلار پەرگە شەھىرىدە سۆز-كالامنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتتاليا شەھىرىگە باردى.