Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11:19-29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
19ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئىشى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەنلەر فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە ئانتاكيا شەھىرى قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ بېرىپ، بۇ جايلاردا سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى.   
20لېكىن ئۇلاردىن سىپرۇس ئارىلى ۋە كۇرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزىلەر ئانتاكيا شەھىرىگە بارغاندا، رەب ئەيسانىڭ خۇش خەۋىرىنى گرېكلەرگىمۇ يەتكۈزدى.
21رەبنىڭ قولى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، تولىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىنىپ توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى.  
22بۇ خەۋەر يېرۇسالېمدىكى جامائەتنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارناباسنى ئانتاكياغىچە ئارىلاپ ئۆتۈشكە ئەۋەتتى.
23بارناباس يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جان‫‪‎-‎‬‬دىلىدىن قەتئىيلىك بىلەن رەبگە چىڭ باغلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى.   
24چۈنكى ئۇ مۇقەددەس روھقا ۋە ئىمان‫‪‎-‎‬‬ئىشەنچكە تولدۇرۇلغان بولۇپ، ياخشى بىر ئادەم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن زور بىر توپ ئادەملەر رەبگە قوشۇلدى.
25شۇنىڭ بىلەن بارناباس تارسۇس شەھىرىگە سائۇلنى ئىزدەپ باردى.
26ئۇنى تېپىپ ئانتاكياغا ئېلىپ كەلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئىككىيلەن جامائەت بىلەن بىللە ساق بىر يىل يىغىلىپ، نۇرغۇن ئادەمگە تەلىم بەردى. مۇخلىسلارنىڭ «خرىستىئانلار» دەپ تۇنجى ئاتىلىشى ئانتاكيادىن باشلاندى.
27ئۇ كۈنلەردە بەزى پەيغەمبەرلەر يېرۇسالېمدىن ئانتاكياغا چۈشۈپ كەلدى.
28بۇلاردىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىرەيلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، روھنىڭ ۋەھىيىنى يەتكۈزۈپ، قاتتىق بىر ئاچارچىلىقنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى باسىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى (بۇ ئاچارچىلىق دەرۋەقە «كلاۋدىيۇس قەيسەر» ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتا يۈز بەردى).   
29بۇنىڭ بىلەن ئانتاكيادىكى مۇخلىسلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قۇربىغا قاراپ پۇل يىغىپ، يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11:19-29روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11:19-29