Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئوبادىيا

ئوبادىيا 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئوبادىيا كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈش‫‪:‬‬ ــ رەب پەرۋەردىگار ئېدوم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ (بىز پەرۋەردىگاردىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇق) ــ «بىر ئەلچى ئەللەر ئارىسىغا ئەۋەتىلدى؛ ئۇ‫‪:‬‬ «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، بىز ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن تۇرايلى!» ــ دەپ خەۋەر بېرىدۇ.
2مانا، مەن سېنى ئەللەر ئارىسىدا كىچىك قىلدىم؛ سەن ئەللەر ئارىسىدا قاتتىق كەمسىتىلگەن خەلق بولىسەن!
3ھەي تىك قىيانىڭ يېرىقلىرى ئىچىدە تۇرغۇچى، تۇرالغۇسى يۇقىرى بولغۇچى، كۆڭلۈڭدە‫‪:‬‬ «كىم مېنى يەرگە چۈشۈرەلىسۇن؟!» دېگۈچى، كۆڭلۈڭدىكى تەكەببۇرلۇق ئۆزۈڭنى ئالداپ قويدى!
4سەن بۈركۈتتەك ئۆزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرسەڭمۇ، چاڭگاڭنى يۇلتۇزلار ئارىسىغا تىزساڭمۇ، مەن شۇ يەردىن سېنى چۈشۈرۈۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
5بۇلاڭچىلار قېشىڭغا كەلسىمۇ، ئوغرىلار كېچىلەپ يېنىڭغا كىرسىمۇ، (ھەي، شۇنچە ئۈزۈپ تاشلىنىسەن!) ئۇلار ئۆزلىرىگە چۇشلۇقلا ئوغرىلايتتى ئەمەسمۇ؟ ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسىمۇ، ئازراق ۋاساڭلارنى قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟  
6بىراق ئەساۋنىڭ تەئەللۇقاتى قانداق ئاختۇرۇلدى! ئۇنىڭ يوشۇرۇن بايلىقلىرى قانداق تېپىپ چىقىلدى!
7بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭ سېنى چېگرايىڭغىچە ھەيدىۋېتىدۇ؛ سەن بىلەن ئىناق ئۆتكەنلەر سېنى ئالداپ، ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ نېنىڭنى يېگەنلەر ساڭا قىلتاق قۇرىدۇ؛ سەن دەرۋەقە يورۇتۇلمىغاندۇرسەن!
8مەن شۇ كۈنى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئېدومدىن دانىشمەنلەرنى، ئەساۋدىن ئەقىل‫‪‎-‎‬‬پاراسەتنى يوقاتمامدىمەن؟  
9شۇنىڭ بىلەن پالۋانلىرىڭ پاراكەندە بولىدۇ، ئى تېمان، شۇنىڭ بىلەن ئەساۋنىڭ تېغىدىكى ھەربىر ئادەم قىرغىنچىلىقتا قەتل قىلىنىدۇ.  
10ئۇكاڭ ياقۇپقا قىلغان زۇلۇم‫‪‎-‎‬‬زوراۋانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، ئىزا‫‪‎-‎‬‬ئاھانەت سېنى قاپلايدۇ؛ سەن مەڭگۈگە ئۈزۈپ تاشلىنىسەن.
11سەن بىر چەتتە پەرۋاسىز قاراپ تۇرغان كۈنى، يەنى ياقا يۇرتتىكىلەر بۇرادىرىڭنىڭ مۈلكىنى بۇلاپ كەتكەن كۈنى، تائىپىلەر ئۇنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ يېرۇسالېم ئۈستىگە چەك تاشلىغان كۈنى، سەن ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسىغا ئوخشاش بولغانسەن.
12بىراق قېرىندىشىڭنىڭ ئاپەتلىك كۈنىگە پەرۋاسىز قاراپ تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى، يەھۇدانىڭ بالىلىرىنىڭ ھالاكەت كۈنىدە خوشال بولۇپ كەتمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى؛ كۈلپەتلىك كۈنىدە ئاغزىڭنى يوغان قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛
13ئۆز خەلقىمنى ئاپەت باسقان كۈنىدە، ئۇلارنىڭ دەرۋازىسىغا كىرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى؛ ئۇلارنى ئاپەت باسقان كۈنىدە ئۇلارنىڭ دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەمىگە ئېرەنسىز قاراپ تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى، ئاپەت باسقان كۈنىدە قولۇڭنى مال‫‪‎-‎‬‬مۈلكىگە سوزماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛
14سەن شەھەردىن قېچىپ قۇتۇلغانلارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئاچا يولدا تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛ كۈلپەت باسقان كۈنىدە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قالغانلارنى دۈشمەنگە تاپشۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى.
15چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى بارلىق ئەللەر ئۈستىگە چۈشۈشكە يېقىن قالغاندۇر؛ سېنىڭ باشقىلارغا قىلغىنىڭدەك، ساڭىمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ؛ ساڭا تېگىشلىك جازا ئۆز بېشىڭغا چۈشىدۇ؛
16چۈنكى سەن ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا غەزىپىمنى ئىچكىنىڭدەك، بارلىق ئەللەرمۇ شۇنداق توختاۋسىز ئىچىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئىچىدۇ، يۇتىدۇ، ئاندىن ئۇلار ھېچ مەۋجۇت ئەمەستەك يوقاپ كېتىدۇ.
17بىراق زىئون تېغى ئۈستىدە پاناھ‫‪‎-‎‬‬قۇتقۇزۇلۇش بولىدۇ، تاغ پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس بولىدۇ؛ ياقۇپ جەمەتىنىڭ تەئەللۇقاتلىرى ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ؛
18ۋە ياقۇپ جەمەتى ئوت، يۈسۈپ جەمەتى يالقۇن، ئەساۋ جەمەتى ئۇلارغا پاخال بولىدۇ؛ ئوت ۋە يالقۇن ئەساۋ جەمەتى ئىچىدە يېقىلىپ، ئۇلارنى يۇتۇپ كېتىدۇ؛ ئەساۋ جەمەتىدىن ھېچبىرسى قالمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغان.

19يەھۇدانىڭ جەنۇبىدىكىلەر ئەساۋنىڭ تېغىغا ئىگە بولىدۇ؛ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدىكىلەر فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا ئىگە بولىدۇ، بەرھەق، ئۇلار ئەفرائىمنىڭ دالاسى ھەم سامارىيەنىڭ دالاسىغا ئىگە بولىدۇ؛ بىنيامىن گىلېئادقا ئىگە بولىدۇ؛
20سۈرگۈن بولغانلاردىن قېلىپ قالغان ئىسرائىللاردىن تەركىب تاپقان بۇ قوشۇن قانائاندىكىلەرگە تەۋە بولغان زېمىنغا زارەفاتقىچە ئىگە بولىدۇ؛ سەفارادتا سۈرگۈندە تۇرغان يېرۇسالېمدىكىلەر بولسا جەنۇبتىكى شەھەرلەرگە ئىگە بولىدۇ.
21ئاندىن زىئون تېغى ئۈستىگە قۇتقۇزغۇچىلار چىقىدۇ، ئۇلار ئەساۋ تېغى ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغا تەۋە بولىدۇ!