Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ۋەھىي

ۋەھىي 7

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئۇنىڭدىن كېيىن مەن كۆردۈمكى، تۆت پەرىشتە يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۇراتتى. ئۇلار ھەرقانداق شامالنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ھەم دەل‫‪‎-‎‬‬دەرەخلەرگە ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن چىقىدىغان شامالنى تىزگىنلەپ تۇراتتى.
2مەن ھايات خۇدانىڭ مۆھۈرىنى ئالغان، كۈن چىقىشتىن كۆتۈرۈلىۋاتقان باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ قاتتىق ئاۋاز بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزلارنى ۋەيران قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئاشۇ تۆت پەرىشتىگە‫‪:‬‬
3«بىز خۇدانىڭ قۇل‫‪‎-‎‬‬خىزمەتكارلىرىنىڭ پېشانىسىگە مۆھۈر باسقۇچە، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە دەل‫‪‎-‎‬‬دەرەخلەرنى ۋەيران قىلماڭلار!» دەپ توۋلىدى.
4مەن مۆھۈرلەنگەنلەرنىڭ سانىنى ئاڭلىدىم ــ ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىشى، يەنى‫‪:‬‬ ــ
5يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، رۇبەن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، گاد قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى،
6ئاشىر قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، نافتالى قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، ماناسسەھ قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى،
7شىمېئون قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، لاۋىي قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، ئىسساكار قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى،
8زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، يۈسۈپ قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى مۆھۈرلەنگەنىدى.
9بۇ ئىشلاردىن كېيىن كۆردۈمكى، مانا ھەر ئەل، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان سان‫‪‎-‎‬‬ساناقسىز زور بىر توپ خالايىق تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاق تون كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى.
10ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن‫‪:‬‬ ــ «نىجات تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدايىمىزغا ۋە قوزىغا مەنسۇپ بولغاي!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.
11بارلىق پەرىشتىلەر تەختنىڭ، ئاقساقاللارنىڭ ۋە تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقانىدى. ئۇلار تەختنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشەتتى‫‪:‬‬ ــ
12«ئامىن! ھەمد‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە، شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ، دانالىق ۋە تەشەككۈر، ھۆرمەت ۋە كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرەت خۇدايىمىزغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!»
13ئەمدى ئاقساقاللاردىن بىرى مەندىن‫‪:‬‬ ــ بۇ ئاق تون كىيدۈرۈلگەن كىشىلەر كىم بولىدۇ، قەيەردىن كەلدى؟ ــ دەپ سورىدى.
14ــ تەقسىر، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، ــ دېدىم. ئۇ ماڭا‫‪:‬‬ ــ بۇلار دەھشەتلىك ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ ئاپئاق قىلغان.
15شۇڭا ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئىبادەتخانىسىدا كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ تەختتە ئولتۇرغۇچى بولسا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چېدىرىنى سايىۋەن قىلىدۇ.
16ئۇلار يەنە ھېچ ئاچ قالمايدۇ، ھېچ ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە پىژىغىرىم ئىسسىق ھېچ ئۇرمايدۇ.
17چۈنكى ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيى بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋە خۇدا ئۇلارنىڭ ھەربىر كۆز يېشىنى سۈرتىدۇ، ــ دېدى.