Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ۋەھىي

ۋەھىي 17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1يەتتە چىنىسى بار يەتتە پەرىشتىنىڭ بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ‫‪:‬‬ ــ بۇ يەرگە كەل، نۇرغۇن سۇلار ئۈستىدە ئولتۇرغان چوڭ پاھىشە ئايالنىڭ تارتىدىغان جازاسىنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي.
2يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدى، يەر يۈزىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇزۇقلۇقىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، ــ دېدى.
3شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرىشتە مېنى روھنىڭ ئىلكىدىكى ھالەتتە بىر چۆلگە ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم.  
4ئايال سۆسۈن ۋە توق قىزىل كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئالتۇن، قىممەتلىك ياقۇت ۋە مەرۋايىتلار بىلەن پەردازلانغانىدى. قولىدا يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلار ۋە ئۆز بۇزۇقلۇقىنىڭ نىجاسەتلىرى بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قەدەھ بار ئىدى.
5پېشانىسىگە بىر سىر ــ «كاتتا بابىل، پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلارنىڭ ئانىسى» دېگەن نام پۈتۈكلۈك ئىدى.  
6مەن ئايالنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قېنى ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ تولىمۇ تەئەججۈپ قىلىپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم.  
7پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «نېمىگە ھەيران قالدىڭ؟ ئايالنىڭ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك دىۋىنىڭ سىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي.
8سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق؛ ئۇزۇن ئۆتمەي تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ــ دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ئىسىملىرى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.  
9مانا بۇنى چۈشىنىشكە لازىم بولغان ھېكمەت‫‪:‬‬ ــ يەتتە باش بولسا ئۇ ئايال ئولتۇرغان يەتتە تاغقا، شۇنداقلا يەتتە پادىشاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
10بۇلارنىڭ بەشى يىقىلغان، بىرسى بار، يەنە بىرى تېخى كەلمىدى. ئۇ كەلگەندە پەقەت ئازلا ۋاقىت تۇرالايدۇ.
11بۇرۇن بار بولغان، ئەمدى ھازىر يوق بولغان دىۋىنىڭ ئۆزى سەككىزىنچى پادىشاھدۇر، شۇنداقلا ئۇ ھەم يەتتىسىدىن بىرى بولۇپ ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ.
12سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ئون پادىشاھدۇر. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقلىرى تېخى يوق، ئەمدى ئۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ.   
13بۇ پادىشاھلار بىر ئوي، بىر نىيەتتە بولۇپ ئۆز قۇدرىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى دىۋىگە بېرىشىدۇ.
14دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغانلار بولسا چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر».
15پەرىشتە ماڭا يەنە‫‪:‬‬ ــ پاھىشە ئايال ئۈستىدە ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلار بولسا مىللەتلەر، ئۆزئارا توپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر.   
16سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ۋە دىۋە بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان‫‪‎-‎‬‬تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ.
17چۈنكى خۇدا ئۆز سۆز‫‪‎-‎‬‬كالاملىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، ئاشۇ ئون پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە ئۆز ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىپ، بىر قاراردا توختىشىپ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە بېرىش نىيىتىنى سالدى.
18سەن كۆرگەن ئايال يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كاتتا شەھەردۇر، ــ دېدى.